د ۇ ق ھەيئىتى تۇركىيە ئاناۋەتەن پارتىيەسى مەسۇلى بىلەن كورۇشتى

0:00 / 0:00
memet-yalghuz-200.jpg
ئانا ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق مىنىستىر مەمەت كېچىجىلەر. سۈرەتنى مۇھبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان.

تۈركىيەدە پارلامېنت سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىر،ئى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسى پارتىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.

ئاناۋەتەن پارتىيىسىگە زىيارەت

يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتىتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەنىڭ ئەڭ كونا ۋە ئۇزۇن يىل ھاكىمىيەت بېشىدا قالغان پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان ئانا ۋەتەن پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئانا ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ مەركىزى بىناسىدا پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق مىنىستىر مەمەت كېچىجىلەر تەرىپىدىن كۈتىۋېلىنغان ھەيئەت، ئۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەلەپلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

بۇ دوستانە سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەمەت كېچىجىلەر ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بىزگە بەرگەن باياناتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەڭلار دەپ بىزگە بېسىم ئىشلىتىۋەرسە، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىنمۇ قورقماسلىقىمىز كېرەك، دىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ سۇئاللىرى

memet-kechichiler-200.jpg
ئانا ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق مىنىستىر مەمەت كېچىجىلەر. سۈرەتنى مۇھبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان.

ئەركىن: ھۆرمەتلىك سابىق مىنىستىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى سىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى، سىز ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇجادىلىنى تەقدىر بىلەن تەقىپ قىلىۋاتىمىز. دۇق ھەيئىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىمىزگە كېلىپ بىزنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.

بىز 1980-يىللاردا تۇرغۇت ئۆزھال باش مىنىستىر بولغان ۋاقتىدا داۋاملىق رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن بىلەن كۆرۈشۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باراتتۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە راھەت ياشاش ھەققى بېرىپ باقمىدى. ئەمما خىتاي ئۆزى بولسا زامانىۋىي دۇنيانىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا تىرىشماقتا.

خىتاي دۇنيا تىجارەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كونسېيىنىڭ ئەزاسى، يەنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت، شۇڭا خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىنمۇ ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق.

خىتاينىڭ ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. تۈركىيەمۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تەقىپ قىلىۋاتىدۇ. تۈرك ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوچۇق ئاشكارە قوللاپ قۇۋۋەتلىيەلمىسىمۇ، 75 مىليون تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنى چىن كۆڭلىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئەركىن: ھۆرمەتلىك سابىق مىنىستىر مەمەت كېچىجىلەر ئەپەندى ھەقىقەتەن سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك ئانا ۋەتەن پارتىيىسىدىن ئۇيغۇرلار ناھايىتى مەمنۇن ئىدى، چۈنكى رەھمەتلىك تۇرغۇت ئۆزھال باش مىنىستىر ۋاقتىدا داۋاملىق ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىپ تۇراتتى. ئەمما 1998-يىلى يەنە مۇشۇ ئانا ۋەتەن پارتىيىسى مەزگىلىدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى چەكلىنىدىغان بىر ھۆججەت چىقاردى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

بۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بۈگۈن سىلەردىن ئاڭلىغاندىن كېيىن خەۋەردار بولدۇم. ئەگەر شەرقىي تۈركىستانلىقلار شۇ ۋاقىتتا كېلىپ بىزگە پارتىيىڭىزنىڭ باشلىقى بولغان باش مىنىستىر مۇشۇنداق بىر ھۆججەت چىقاردى دىگەن بولسا، بىز پارتىيە ئىچىدە توپىلاڭ چىقارغان بولاتتۇق.

بىز ناھايىتى ئالدىراش كىشىلەر. مەن ئۇ ۋاقىتتا مىنىستىر ئەمەس ئىدىم، شۇڭا بۇنداق بىر ھۆججەتتىن خەۋىرىم بولماپتۇ. مەسئۇت يىلماز چىقارغان بۇ ھۆججەتنى بىز ئانا ۋەتەن پارتىيەسى ئەزالىرى قوللاپ قۇۋەتلىمەيمىز. ئۇ ۋاقىتتا بىزگە دىگەن بولساڭلار، بۇنى توسۇۋالغان بولاتتۇق.

نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ھۆججەت چىقارغانلىقىنى بىلمەيمەن، ھەرھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەنچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بويۇن ئەگمەسلىك كېرەك. خىتايلار بىزگە بۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جاسارەت قىلالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەگەر خىتايلار بىزگە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەڭلار دىسە، خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇزۇلىشىدىن قورقماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز. ئەركىن: ھۆرمەتلىك سابىق مىنىستىر، بۇ ھۆججەت تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىدا توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. بۇنى قانداق قىلغاندا ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ؟

بۇ ھۆججەتنى چىقارغان مىنىستىرلىك ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ. ئەگەر بىر پائالىيەتنى بۇ ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ توسماقچى بولغاندا، بۇنى سوتقا ئەرز قىلىپ ھۆججەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەركىن: ھۆرمەتلىك مەمەت كېچىجىلەر ئەپەندى، سىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ئۇلار ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىنمۇ قورقماسلىقىمىز كېرەك دەپ ئۆتتىڭىز. ئەمما تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

بۇنى مۇنداق ئىزاھ قىلاي. بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى چىن كۆڭلىمىزدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. تۈركىيە دۆلىتى ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدىرى ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماستىن ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ھېچقانداق پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىدى. بىز ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بىز ئاناۋەتەن پارتىيىسى ھەر زامان سىلەرنىڭ مەسىلەڭلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. (ئەركىن تارىم)