مەرھۇم تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماسنى ئەسلەيمىز
2007.09.11

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان تارىخچى، ئوت يۈرەك شائىر، جامائەت ئەربابى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى ۋاپاتىغا مانا بۈگۈن 6 يىل بولدى. تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى ئۆز ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈرمىدە ۋە تەقىب ئاستىدا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىتىش، ئىنقىلابقا ئۈندەش ، ئازادلىققا يېتەكلەش يولىدا ھارماي-تالماي ئىنتايىن مول ھوسۇللۇق ئۆتكۈزگەن زات.
" تەنلىرىم ياپراق تىترەپ توختىدى"
بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ باقمىغان ياكى بىلمەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر زىيالىي بولمىسا كېرەك. مانا بۇ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن مۇڭلۇق ناخشا، مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچى، شائىر ۋە جامائەت ئەربابى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ 1940 - يىللىرى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەپەندىچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە يازغان "تەنلىرىم ياپراق" ناملىق شېئىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن مەشھۇر ناخشىدۇر.
تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشۇر شەخس بولۇپ، ئۇ 1924- يىلى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى دۆلەتباي يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان.
مەرھۇم ئۆز ھاياتىدا 3 قېتىم خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىنى تەقىپ ئاستىدا ئاياغلاشتۇرغان. تۇرغۇن ئالماس ئۆز ھاياتىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، "تۇتقۇن"، "غېرىپ موماي" ، "ئىككى تامچە ياش" ، "ئانا تۇپراق ئۈچۈن"، " تەنلىرىم ياپراق"، "پىچاق"، "جەنۇب ساداسى"، "ساتقۇنغا ئۆلۈم" قاتارلىق شېئىر، سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ھېكايە- پوۋېستلارنى يېزىپ قالدۇرغان بولسا، 1980- يىللارغا كەلگەندە خىتاي تۈرمىسىدىن يېڭىلا قويۇپ بېرىلگەن تۇرغۇن ئالماس، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ نوقۇل ھالدا قورالغا تايىنىپ ھەل بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز تارىخىدا تەربىيىلەش، مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇش ئارزۇسىدا، "ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"، "ئۇيغۇرلار"، "ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى"، "ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى" قاتارلىق زور ھەجىملىك تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ " ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ناملىق ئەسىرى گېرمانىيىدە نېمىس تىلىدا، ""، "ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى" سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەرەپ تىلىدا نەشر قىلىنغان.
ئەمما، 1990- يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇرغۇن ئالماس ئەسەرلىرىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش ۋە كۆيدۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئەل ئارىسىدا تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن.
قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى:"دادام بىر قايتماس ئادەم ئىدى"
دادىسى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنى "بىر قايتماس ئادەم ئىدى" دەپ سۈرەتلەپ چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان ئوغلى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى، تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەزەلدىن بىر ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك جەڭچىسى سۈپىتىدە ياشىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ ، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئەينى ۋاقىتتىكى خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ قاتناشچىلىرىدىن بىرى بولغان ھاجى ئابدۇرېشىت كەرىمى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى يېزىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان مەرھۇمنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى كۈرەش ئاتىخان مەرھۇمنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى ئەسلەپ، تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلار تۇرغۇن ئالماسنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ!
2001-يىلى 11- سېنتەبىر بىر ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قايغۇغا چۆمگەن بىر قارا كۈن بولغان بولسا، دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن بىر مۇسبەتلىك كۈن بولغان ئىدى. چۈنكى بۇ كۈنى، يەنى 2001-يىلى 11- سېنتەبىر ئۇيغۇر تۇرغۇن ئالماستىن، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قەيسەر تارىخشۇناس ، ئوت يۈرەك شائىر ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن زات تۇرغۇن ئالماستىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار تۇرغۇن ئالماسنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ! مەڭگۈ قەلب تۆرىدىن چۈشۈرمەيدۇ! (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (2)
- ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (1)
- 58 يىل بۇرۇنقى سىرلىق ۋەقەلەر
- تارىخىي شاھىد ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ ئېيتقانلىرى
- مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنى خاتىرلەيمىز
- ئەلىخان تۆرىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى
- ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى تۈركىيىدە
- رۇس ئالىمىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى
- مەمەت سالىھ ئاتۇش ئەپەندىمنىڭ 85 يىللىق ھايات مۇساپىسى تەبرىكلەندى
- مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى پىلانى مۇزاكىرە ئۈستىدە
- سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارىلاندى
- تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئارمىيىسىدىن ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى - شىنجاڭنىڭ تارىخى (1)
- بىر ئاتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى(5)