تۈركىيە د ي پ باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز د ۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى


2008.03.14

dyp-chetin-ozachiqgoz1-200.jpg
تۈركىيىنىڭ توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ئەڭ كونا پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز ئەپەندى پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلەرنى قوبۇل قىلدى. 13 - مارت چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن سېيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، توغرا يول پارتىيىسى قۇرۇلغان يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزىتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نامىدىن پارتىيە رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چەتئەلدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

كېيىن توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئاچىقگۆز ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ پارتىيىسىنىڭ 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرۇلغان دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، 1983-يىلى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ توغرا يول پارتىيىسى نامى ئاستىدا قۇرغانلىقىنى، پارتىيىسى تۈركىيىدە كۆپ قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بولسىمۇ، 2007-يىلىدىكى سايلامدا 5% ئاۋاز ئېلىپ، پارلامېنتقا كىرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

dyp-chetin-ozachiqgoz-200.jpg
تۈركىيىنىڭ توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنى قوبۇل قىلدى. RFA Photo / Erkin Tarim

چېتىن ئاچىقگۆز ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: " شەرقىي تۈركىستان پارتىيىمىز ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان يەرلەردىن بىرىدۇر. پارتىيىمىز تۈرك دۇنياسىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن بىر نەرسە دېمەكچىمەن بەلكى بۇ گېپىمنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر بىئارام بولۇشى مۇمكىن. كېلەچەكتە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، تۈركىي مىللەتلەر بىرلىكى قۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇنداق چوڭ مەسىلىلىرىگە باش قاتۇرىۋاتقان بىر سىياسى پارتىيە. بىز توغرا يول پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز. پارتىيىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلايمان دېمىرەلمۇ `ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنغىچە تۈرك دۇنياسى` دېگەن ئىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ سۆزدىن بىئارام بولدى. شەرقىي تۈركىستانمۇ ئەلۋەتتە بۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىچىدە."

توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئاچىقگۆز ئەپەندى، 1991-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر يېڭى مۇستەقىل بولغاندا تۈرك دۇنياسىدا بىر تەنتەنە بارلىقىنى، ھازىر بۇ تەنتەنىنىڭ پەسىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرك دۇنياسى دېگەن ۋاقتىمىزدىكى ئۇ تەنتەنە تۈركىيەدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ قالمىدى. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان بۇ قىزىقىشىنى ھاياجاننى قوزغىغان يەنە بىزنىڭ پارتىيىمىزنىڭ ئۇ مەزگىلدىكى تۈرك دۇنياسى سىياسىتى ئىدى. بىزنىڭ پارتىيە قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى بەكلا پاسسىپ، ئالدىمىزدىكى سايلامدا بۇ ھۆكۈمەتنى خەلقىمىز ھاكىمىيەت بېشىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ."

توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىر ئايال ۋە قېرىندىشىمىز بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا كۆڭلىمىز رازى بولمايدۇ. ئەمما ماڭا رابىيە قادىرخانىمنىڭ تەرجىمىھالىنى بەرسەڭلا، بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇمات بەرسەڭلار، بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە ياردەم قىلىمىز. قان قېرىندىشىمىز بولغان رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىنىڭ ۋىزا بەرمىگەنلىكى بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى."

توغرا يول پارتىيىسى باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللاپ شۇنداق دېدى: " ئۇيغۇر تۈركلىرىنى باشقا تۈركلەردىن ئايرىپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە بەزى جەھەتلەردىن تەرەققى قىلغان بەزى جەھەتلەردىن بولسا تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. تۈركىيىدىكى سىياسى مۇقىمسىزلىقلار تۈركىيىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالغان ئىدى. بۇ سىياسىي قالايمىقانچىلىقلار بولمىغان بولسا، ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئاللا بۇرۇن ئەزا بولغان، تەرەققى قىلغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلغان بولاتتۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا تۈركىيە كۈچلەنگەنسېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدۇ." (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.