دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئەتلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا


2008.01.07

SiyitTumturk-200.jpg
د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ھەيئتى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ كۆپ ساندىكى رەھبەرلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. RFA Photo / Erkin Tarim

د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللا تۇرسۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ئابلىكىم ھاجى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت 1- ئاينىڭ 7- كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ كۆپ ساندا رەھبەرلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 2008- يىلىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، بۇ زىيارىتىدە تۈركىيە پارلامېنتى مائارىپ كومىتېتى باشلىقى پروف. در. مەھمەت ساغلام، ئەدلىيە كومىتېتى باشلىقى ئەخمەت ئىيىمايا ئەپەندى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى مۇرات مەرجان ۋە پارلامېنت ئەزاسى پروف. در. جەلال ئەرباي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتقاندىن باشقا، د ۇ ق رەھبىرى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش تۈرك دۆلىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ زىيارەت ھەققىدە، تۈركىيە پارلامېنت بىناسى ئىچىدە، ھەيئەت باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.