تۈركىيىدە مىليونلارچە ئىنسان شېھىدلىرى ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە
2007.10.24
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە-ئىراق چېگرىسىغا يېقىن بولغان شەمدىنلى ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئارمىيىسىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاستىغا بومبا قويۇپ 12 تۈرك ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۈركىيە بويىچە ئىشقى، خىزمەتچى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەممە بىردەك قولىغا تۈرك بايرىقى ئېلىپ، "يوقالسۇن پ ك ك تېررورىستلىرى، " ۋە "شېھىدلەر ئۆلمەس، ۋەتەن بۆلۈنمەس،" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاپ نامايىشلار ئېلىپ بارماقتا.
مۇشۇ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە پ ك ك تېررورىستلىرى ئەسكەر ۋە ئاممىدىن بولۇپ جەمئىي 40تىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ تېررورىستلار شىمالىي ئىراقتىن كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قايتا شىمالىي ئىراققا قېچىپ كېتىدىكەن.
بۇ تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىپ تېررورىستلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قارار چىقارغان ئىدى. دەل بۇ مەزگىلدە يەنە 12 تۈرك ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىدى. بۈگۈن يەنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى تۈركىيىنىڭ 11 ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12 شېھىتنىڭ جىنازا مۇراسىمى ئىدى.
تۈركىيىنىڭ ئوردۇ ۋىلايىتىدە 10 مىڭلارچە كىشى شېھىت زەكەريا ياتىنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈردى. ئوردۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قۇمرۇ ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ۋە خەلقتىن تەركىپ تاپقان 20 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۈگۈن تۈركىيە بويىچە مىليونلارچە ئىنسان شېھىتلىرى ئۈچۈن يىغلىدى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەزەربەيجاندىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى
- تۈركىيە بىلەن ئىراق كۇرد پارتىزانلىرىنى بىرلىكتە باستۇرماقچى
- تۈركىيە ئارمىيىسى كۇردلارغا زەربە بېرىشنى باشلىدى
- ئۇيغۇرلارمۇ ياۋروپا پارلامېنتىدا ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟
- دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (2)
- دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (1)
- تۈركىيىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە بىر نەزەر
- تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تانەر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- ئابدۇللاھ گۈل تۈركىيىنىڭ 11 - پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى
- ئابدۇللا گۈل تۈركىيىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى
- تۈركىيە ژۇرنالىستى مەمەت راگىپ ۋۇرالنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئورخان كاۋۇجۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى