تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى
2007.05.10
بۈگۈن، 10-ماي كۈنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇراسىم زالىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەت رايونلىرىدىن كېلىپ تۈركىيىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دېپلوم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈردى
مۇراسىمدا 57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 183 نەپەر تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا دېپلوم بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بار. بۇ دېپلوم بېرىش مۇراسىمىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ پۈتۈن چىقىملىرى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلارغا ياردەم مەقسىتى بىلەن 1992- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مىللەتلىرىدىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويغان ئىدى.
ھازىرغىچە بولغان 15 يىل ئىچىدە 5 مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە 57 دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 56 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 6500 نەپىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 6450 نەپىرى بولسا ھازىر تۇركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇماقتا ئىكەن. قالغان ئوقۇغۇچىلار بولسا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوقۇشنىداۋام قىلماي تۈركىيىدىن ئايرىلغان ئىكەن.
تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك ئەپەندىمنىڭ سۆزى
16 - نۆۋەتلىكى بولغان بۇ دېپلوم تارقىتىش مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك ئەپەندىم قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار، قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار. ئەنئەنىۋىلىشىشكە باشلىغان تۈرك دۇنياسى دېپلوم بېرىش مۇراسىمىدا سىلەر بىلەن بىللە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ھەممىڭلار خوش كەپسىلەر. بۈگۈن بۇ مۇراسىمىمىزغا قېرىنداش دۆلەتلەردىن ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان شۇنداقلا خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئىراندىكى ئەزەرىلەردىن بولۇپ 57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تۈركىي مىللەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى قاتناشماقتا. ئۇلار بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى. ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. بىز سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ قېرىنداشلىرىمىز مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنى تۇنجى بولۇپ تونۇدۇق، تونۇش بىلەن قالمىدۇق، ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش ئىش پىلانىمىزنى يولغا قويدۇق. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ ئوقۇتتۇق. ئۇلار ھازىر ئۆز دۆلەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئىشلىمەكتە، بىز بۇلاردىن پەخىرلىنىمىز. بىز بۇ ئىش پىلانىمىزنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز."
مائارىپ مىنىسىتىرى ھۈسەيىن چېلىك سۆزىدە، ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەدە ئورتاق تىل، ئورتاق مەدىنىيەتنى تىكلەش ئۈچۈن بۇ پىلاننى يولغا قويغانلىقىنى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيىتتى. كېيىن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا سابىق مىنىستىر مەمەت ساغلام، كۆكسال توپتان ۋە ھازىرقى مىللى مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك قاتارلىقلار دېپلوم ۋە سوۋغات بۇيۇملىرىنى تارقاتتى.
كېيىن يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغىمۇ سوۋغاتلار بېرىلدى. بىز دېپلوم بېرىش مۇراسىمى جەريانىدا دېپلوم ئالغان ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
16- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دېپلوم تارقىتىش مۇراسىمى سەنئەت نومۇرلىرىدىن كېيىن تەنتەنىلىك ھالدا ئاياغلاشتى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىر ھەپتە تۈركىيىنىڭ مېھمىنى بولغاندىن كېيىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشىدىكەن.(ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭ " سىنىپلىرىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە
- تۇرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى
- د ۇ ق ھەيئىتى تۇركىيە ئاناۋەتەن پارتىيەسى مەسۇلى بىلەن كورۇشتى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچى 5 – ئورۇننى ئىگىلەمدۇ؟
- خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى سىياسىي مەسىلىگە ئايلانماقتا
- جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى
- جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغۇچى دەۋاگەر ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى
- جياڭشىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئىسيان كۆتەردى
- ئۈرۈمچىدە 10 نەپەر ئوقۇغۇچى جىگەر ياللۇغى كېسىلى تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن قوغلىۋىتىلدى