تۈركىيە مۇساپىرلار ۋە گراژدانلىق ئىدارىسى رەھبىرى بىلەن ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00
Mustafa-ozturk.jpg
ئەركىن تارىم مۇستافا ئۆزتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلماقتا. RFA

1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى تۈركىيە 1934- يىلى تۈركىي مىللەتلەرنى گىراژدانلىققا قوبۇل قىلىش قانۇنى چىقارغان بولۇپ، رەسمىي ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا 70 يىلدىن بۇيان تۈركىيە، تۈركىي مىللەتلىرىدىن بولغان 1 مىليون 650 مىڭ كۆچمەننى گراژدانلىققا قوبۇل قىلغان.

تۈركىيە 1950-1960 - يىللاردا ئىككى قېتىم ئوپچە ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ گراژدانلىققا ئۆتۈش مەسىلىسىمۇ قىيىنلاشماقتا. ھەتتا ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىنى ئېلىشمۇ قىيىنلاشماقتا.

ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ تۈركى مىللەتلەرنى گراژدانلىققا ئېلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ تۈركىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى زادى نېمە؟

بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇساپىرلار ۋە گراژدانلىق ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ئۆزتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.