22 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىسلامچى پارتىيە- ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ( AKP) يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇتۇپ چىقتى.
مەزكۇر پارتىيىگە تەۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان، تۈركىيىنىڭ دىندىن خالى دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۆلگۈنچى كورد توپىلاڭچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشتا دۆلەت زۆرۈر دەپ قارىغان ھەرقانداق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئەردۇغان ، خۇشاللىققا چۆمگەن تەرەپدارلىرىغا غەلىبە نۇتقى سۆزلىگەندە، ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىك دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ۋە مىللىي بىرلىك ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " بىز خەلقىمىزنىڭ قىممەت قارىشى ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى مۇرەسسەسىز قوغدايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىز. بىز ھېچكىمنى كەمسىتمەيمىزكى، تۈركىيىنى بىر پۈتۈنلۈك ئىلكىدە قۇچاقلايمىز" دېدى.
بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ( AKP) پارلامېنتتىكى 550 ئورۇننىڭ 341 ىگە ئېرىشكەن بولۇپ، باشقا پارتىيىلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ( CHP) 112 ئورۇنغا ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ( MHP) 70 ئورۇنغا ۋە كورد پەرەس سىياسىيونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇستەقىل نامزاتلار 27 ئورۇنغا ئېرىشكەن.(جۈمە)