
تۈركىيىدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر سايلام ھارپىسىدا ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چوڭ پارتىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى نېمە؟ ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارىدۇ؟
تۈركىيىدىكى توغرا يول پارتىيىسى سۇلايمان دېمىرال ۋە تانسۇ چىللەر دەۋرىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن كونا پارتىيىلەرنىڭ بىرى. توغرا يول پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى پېشقەدەم دىپلومات نۈجەت قانتېمىر بۇرۇن تۈركىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ۋە تۈركىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
نۈجەت قانتېمىر ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، توغرا يول پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.