تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىسى

0:00 / 0:00
kumru-uygur-yezisi-200.jpg
تۇركىيىدىكى كۇمرۇ ئۇيغۇر يېزىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. Photo by Erkin Tarim / RFA

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ئوردۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق قۇمرۇ ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ئۆيى دەپ ئىككى قەۋەتلىك بىر ساراي ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئۆيدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، تۇرمۇش ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان ئىكەن. بۇ خەۋەر تېلىۋىزىيەلەردە بېرىلگەندىن كېيىن بىز نېمە ئۈچۈن بۇ ئۆيگە ئۇيغۇر ئۆيى دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىزدەندۇق.

ئىزدىنىشلىرىمىز نەتىجىسىدە، بىز قۇمرۇ ناھىيىسىدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىدە 13-14-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىدەك قىزىقارلىق بىر نەتىجىگە ئېرىشتۇق. ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىپ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىنالارنى سېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياشىتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن. بىز ئاماسيا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ناھىيىسىى ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللەشكە تىرىشتۇق. بىز بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ مىمارىستى بولغان ئىسمەت ئەرچال ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق.

بۇ كىشى ئوردۇ ۋىلايىتى مەدىنىيەت ئىشلىرى باشقارمىسى مەسئۇلى بولۇپ ئۇ ئۆزىمۇ شۇ ئۇيغۇرلاردىن ئىكەن.

RFA : ھۆرمەتلىك ئىسمەت ئەرچال ئەپەندى ئۇيغۇر ئۆيى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

ئىسمەت ئەرچال: بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغانلقىمىز ئۈچۈن، قارا دېڭىزدە ئادەتتە سامسۇندىن گىرەسۇن ئارىلىقىدىكى خەلقلەرنىڭ كۆپى تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان. مەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قالپىقىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى شۇنداق لاھىيىلىدىم. بۇ ئۇيغۇر ئۆيىدە توي قىلىدىغانلار توي مەرىكىسى، مەشرەپكە ئوخشاش مەرىكىلەرنى قىلىدۇ. بىز بۇ قۇمرۇدا مەدىنىيەت سارايلىرىمىزنىڭ، جامىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قالپىقىغا ئوخشىتىپ قىلدۇق. مۇشۇنىڭدەك بىنالاردىن 5 -6سى بار.

RFA : بىز بۇندىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئاماسيا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنى تېپىپ چىققان ئىدۇق. ئەمما ئوردۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز. بۇ قۇمرۇدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىزگە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز ؟

ئىسمەت ئەرچال: بۇ يەرگە ئۇيغۇرلار 1300- 1570-يىللاردا كەلگەن ئىكەن. مەن بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىستان، خوراسان، بۇخارا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرزۇرۇم ئارقىلىق قارا دېڭىز رايونىغا توپ - توپ بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇرلارنى بۇيەردە ياشاۋاتقان رىملارنى ۋە ئەرمەنلەرنى تۈركلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەكەلگەن ئىكەن.

RFA : سىز نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەۋاتىسىز .قولىڭىزدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بارمۇ؟

ئىسمەت ئەرچال: ئارخىپلاردا بار. ئەمما بىزنىڭ چوڭلىرىمىز بىزگە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى دەيتتى. 1800-يىللاردا مېنىڭ چوڭ دادام قىرىمدا ۋالى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يېزىلغان. مەن بۇلارغا ئاساسەن گۇاڭجۇغا بارغان ۋاقتىمدا ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا باردىم . كەلگەندىن كېيىن يېزىمىزدا ئۇيغۇر مىمارىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىنالارنى سېلىشقا باشلىدۇق، تۈركىيەدىكى پۈتۈن تېلىۋىزىيەلەر بۇنى تونۇشتۇرغان پروگراممىلارنى ئىشلەپ تارقاتتى.

RFA : ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى سېلىشتىكى مەقسىتىڭلار نېمە ئىدى؟

ئىسمەت ئەرچال: ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلەيلى، دەپ سالدۇق. ھەتتا مەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلىۋىزىيىلىرىدىن بىرى بولغان NTV تېلېۋىزىيىسىنىڭ تۈرك كەشپىياتچىلىرى مۇسابىقىسىگە "ماڭىدىغان ئۇيغۇر كارۋىنى" ئىسىملىك كەشپىياتىم بىلەن قاتناشتىم. بىر قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئۆي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۆي 10 كۋادرات مېتىر، ئەمما ئىشلىتىدىغان ۋاقتىڭىزدا بۇ ئۆي 30 مېتىر كۋادىراتقىچە چوڭىيىدۇ. ئىچىدە خالىغانچە تاماق ئېتىپ يىگىلى بولىدۇ، يەنى نورمال ئۆيدىكىدەك ياشىغىلى بولىدۇ.

RFA : ئۇيغۇرلار پەقەت قۇمرۇ يېزىسىدىلا بارمۇ ياكى باشقا ناھىيەلەردىمۇ بارمۇ؟ سىلەر ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتامسىلەر ؟

ئىسمەت ئەرچال: بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولغاچقا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۆرپ - ئادەتلەر ئانچە قالمىدى. شۇڭا بىز ھازىر ئۇيغۇر تارىخىنى، ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئۇنى ئۆگىنىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. مېنىڭ ئۆزەمنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرىم بار. بۇ ھەقتە مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋاتىمەن. ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يېقىندا ئۆزەم ئىجات قىلغان ئۇيغۇر كارۋىنى بىلەن پۈتۈن تۈركىيەنى ئايلانماقچى. بۇمۇ بىز ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق .

بىز يەنە ئوردۇ ۋىلايىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشى بولغان ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى باھاتتىن يېدىيىلدىز ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

باھاتتىن يېدىيىلدىز ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئوردۇ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قۇمرۇ ناھىيىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، ئەمما 13-14-ئەسىرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكى دەۋرىدە بۇ رايونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيىتقاندىن كېيىن بۇ ۋىلايەتنىڭ ئىسمى بولغان ئوردۇ ئىسمى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى : " بۇيەردە ئوردۇ سۆزى ناھايىتى مۇھىم. سەۋەبى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوردا سۆزى ساراي ۋە پايتەخت مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. شۇڭا تاجەتتىن بەگلىكى مەزگىلىدە بۇ يەر پايتەخت بولغاندا ئۇيغۇرلار توپ - توپ ھالدا كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلار شۇ چاغدا كېلىپ بۇ رايونغا يەرلىشىپ بۇ يەرگە ئوردۇ دەپ ئىسىم قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. "

ھەممىڭلارغا بولغاندەك بىز بۇندىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئاماسىيا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسى دەپ بىر ناھىيىسىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ14 - ئەسىردە تۈركىيىدە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكى مەزگىلىدە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى سىلەرگە خەۋەر قىلىپ بەرگەن ئىدۇق. ھەتتا بىز تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ناھىيىسىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگەللىگەن ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشچە سالاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ قۇمرۇ ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئەرەتنا ئۇيغۇر بەگلىكى مەزگىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. بىز قۇمرۇدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ بۇ ھەقتە بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا سىلەرگە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز. (ئەركىن تارىم)