ئەنقەرەدىكى تېرورلۇق ۋەقەسىدە 7 كىشى قازا تاپتى، 100 دىن ئوشۇق كىشى يارىلاندى


2007-05-23
Share

پارتلاش يۈز بەرگەن كۆرۈنۈش. Photo by RFA/Erkin Tarim

5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخشام سائەت 6 دىن 45 ئۆتكەنلەردە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ تېرورلۇق ھۇجۇمدا 7 كىشى ئۆلدى، 121 كىشى يارىلاندى.

ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ پاكىستان پۇقراسى بولغانلىقى ئېنىقلاندى. بومبا پارتلىغان يەر بولغان ئۇلۇس رايونى ئەنقەرەنىڭ مەركىزى رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئادەملەر ۋە قاتناش ۋاستىلىرى ئەڭ زىچ ئۆتىدىغان سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

كىشىلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيلىرىگە قايتىدىغان، ئادەم ۋە قاتناش ئەڭ زىچ بولىدىغان سائەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ تېرورلۇق ھۇجۇم مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى ۋە ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

پارتىلىتىشنى ئېلىپ بارغان گۇماندار. Photo by RFA/Erkin

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنىستىرى مەمەتئېلى شاھىن، مىللى ئارمىيە باشلىقى ئورگېنىرال ياشار بۈيۈكئانىت ۋە ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئەھۋال ئىگەللىدى ۋە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يارىدارلارنى زىيارەت قىلدى.

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم 22 ‏- ماي كۈنى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بۇ پارتىلاش ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت