
5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخشام سائەت 6 دىن 45 ئۆتكەنلەردە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ تېرورلۇق ھۇجۇمدا 7 كىشى ئۆلدى، 121 كىشى يارىلاندى.
ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ پاكىستان پۇقراسى بولغانلىقى ئېنىقلاندى. بومبا پارتلىغان يەر بولغان ئۇلۇس رايونى ئەنقەرەنىڭ مەركىزى رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئادەملەر ۋە قاتناش ۋاستىلىرى ئەڭ زىچ ئۆتىدىغان سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
كىشىلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيلىرىگە قايتىدىغان، ئادەم ۋە قاتناش ئەڭ زىچ بولىدىغان سائەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ تېرورلۇق ھۇجۇم مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى ۋە ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنىستىرى مەمەتئېلى شاھىن، مىللى ئارمىيە باشلىقى ئورگېنىرال ياشار بۈيۈكئانىت ۋە ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئەھۋال ئىگەللىدى ۋە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يارىدارلارنى زىيارەت قىلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم 22 - ماي كۈنى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بۇ پارتىلاش ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.