قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ھەرىكەت ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈركىيە ئاخبارات ئورگانلىرى ھەمدە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈركىيىدىكى ياۋرو – ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى رۇسىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دوكتور سىنا ئوگان ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گروزىيىدىن باشلىنىپ، ئۇكرائىنىيىدە داۋاملاشقان دېموكراتلىشىش كۆرىشى - خەلق ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى، ئەمدى قىرغىزىستاندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.