تۈركمەنبېشى سەپەر مۇرات نىيازوۋنىڭ ۋاپاتى تۈركمەنىستاندا قانداق ئۆزگىرىشلەرگە يول ئاچىدۇ؟

0:00 / 0:00
sepermurat-turkmen.jpg
2006 – يىلى 17 – مارت كۈنىدىكى بىر بايرامدا قىزلار مىللىي كىيىملەر بىلەن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ رەسىمى ئالدىدىن ئۆتمەكتە. سەپەر مۇرات نىيازوپ 21 – دېكابىر كۈنى 66 يېشىدا ۋاپات بولدى. AFP

تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقى سەپەر مۇرات تۈركمەنبېشىنىڭ ۋاپاتى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالدى. تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرھال تەزىيە بىلدۈرۈپ، تۈركمەنىستاننىڭ مۇقىملىقى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دېيىشتى. تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى دەرھال ئۆزلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلدى. ھۆرىيەت گېزىتى بۇ خەۋەرنى "دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق دىكتاتورلىرىدىن بىرى بولغان تۈركمەنبېشى نىيازوۋ ھاياتىدىن ئايرىلدى"، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى "تۈركمەنىستان مۇسىبەتتە" دېگەندەك تېمىلاردا بەردى.

تۈركمەنبېشى ئۆلۈمى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا

ھۆرىيەت گېزىتى تور بېتىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: تۈركمەن بېشى لېدىرلىك جەريانىدا داۋاملىق ئۆزىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىجرالىرى بىلەن كۈن تەرتىپكە كەلدى. چاچ ساقال قويۇشنى، سېرىكنى، بالېتنى، ماشىنىدا رادىئو ئاڭلاشنى، كوچىدا تاماكا چېكىشنى ھەتتا ئالتۇن چىشنىمۇ چەكلىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، ئۆزىنى ئاتاتۈرك دەپ ئېلان قىلماقچى بولغاندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن سىلىق سىپايە بىر تىل بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى. ئۆزىنى پەيغەمبەر ئېلان قىلىشنىمۇ ئويلىدى لېكىن كەلگەن تەنقىدلەردىن تەپ تارتتى".

تۈركمەنبېشى سەپەر مۇرات نىيازوۋ، يۈرەك كېسىلى تۇتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋاپات بولدى. ئۇ ھەپتە ئىچىدىكى كۈن ئىسىملىرىگە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئىسمىنى بەرگەن ئىدى، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئايرودروملارغا، مەكتەپلەرگە ھەتتا ئاسماندىكى بىر مېتېئورىت تېشىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىدى. ئۇ يەنە بىرىنجى ئايغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، 4-ئايغا ئانىسىنىڭ ئىسمىنى بەردى. ئاتا ئانىسىنى مىللى قەھرىمان دەپ ئېلان قىلغۇزدى. تۈركمەنىستان دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى بۈيۈك تۈركمەنبېشى ۋاپات بولدى، دېگەن تېما بىلەن بېرىپ، ئۇنىڭ، يۈرىكىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەپەر مۇرات نىيازوۋ 20 يىلدىن بېرى تۈركمەنىستاننى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بېرى يۈرىكىدىن چاتاق چىققان نىيازوۋ، 9 يىل ئاۋال بىر يۈرەك ئوپېراتىسىيىسى بولغان ئىدى. كېيىن ئۇ تاماكىنى تاشلاپ پۈتۈن مىنىستىرلىرىگىمۇ تاماكا تاشلاشنى ئەمىر قىلغان.

سەپەر مۇرات نىيازوۋ، ئۆزىنىڭ دىكتاتورىلىق سەۋەبىدىن تەنقىدلىنىپ كەلگەن. 1985-يىلى تۈركمەنىستان كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان نىيازوۋ 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۈركمەنىستاننىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغانىدى. 1999-يىلى دۆلەت پارلامېنتىدا ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى جۇمھۇر رەئىسى بولۇشى قارارلاشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇ ئۆتكەن يىلى تۇيۇقسىزلا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ياشىمايدىغانلىقىنى، يېرىگە بىر ئادەم تاللاش كېرەكلىكىنى دەپ 2009-يىلى جۇمھۇر رەئىسى سايلىمى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەپەر مۇرات تۈركمەنبېشىنىڭ سايلام بولىدىغانلىقىنى قىرغىزىستاندىكى كەڭ خەلقنىڭ قوزغىلىپ ئەسقەر ئاكايېۋنى تەختتىن چۈشۈرۈشىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىشى دىققەتلەردىن قاچمىدى.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە بولغان قاراشلىرى

تۈركمەنبېشىنىڭ ئۆلۈمى دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تاتماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى تۈركمەنىستاندا ئەمدى قانداق بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە.

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى قازاق مۇتەخەسسىسى ئانار سومۇنجۇ خانىم تۈركمەنبېشىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇ يەردىكى رېجىمدە يۇمشاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

- "تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقىنىڭ ۋاپاتى تۈركمەنىستاندىكى تۈزۈمنىڭ بىراز يۇمشىشىغا سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. ھازىر پۈتۇن دۇنيانىڭ دىققىتى تۈركمەنىستانغا بۇرالدى. بولۇپمۇ بۇ دۆلەتنىڭ تەبىئى بايلىقلىرى دۇنيا دۆلەتلىرىنى بۇ يەرگە جەلپ قىلماقتا. شۇڭا تۈركمەنىستاننىڭ بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان تاشقى سىياسىتى ئىنتايىن مۇھىم. تۈركمەن بېشىنىڭ ئۆلۈمىدىن رۇسىيە بىراز ئەندىشىگە چۈشتى. ئۇلار بۇندىن كېيىن تۈركمەنىستاننىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلەنمەكتە".

- بۈگۈنكى خەۋەرلەردە رۇسىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تۈركمەنىستانغا قايتىدىغانلىقى خەۋەر بېرىلدى. ئۆكتىچىلەر قايتقان تەقدىردە نېمىلەر بولار؟

- "ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپ تەسىر قوزغىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. شۇ ئاندا تۈركمەنىستاندا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر تۈركمەنىستاندىكى مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، شۇڭا ناھايىتى تېز بىر شەكىلدە دۆلەت باشلىقى ۋەكىلىنىمۇ تەيىنلىدى. مۇقىملىقنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئۆكتىچىلەر كۈچلۈك ئەمەس".

تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى سىنان ئوگان ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

"ئۇ، تۈركمەنىستاندىكى ھەيران قالارلىق سىياسەتلىرى بىلەن تونۇلغان بىر سىياسەتچى ئىدى. تۈركمەنبېشى دۆلەتنى ئۆزى يالغۇز باشقۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا دىكتاتوردەك باشقۇرۇۋاتاتتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. دۆلەتنىڭ ھوقۇق ئورگانلىرى بىۋاستە تۈركمەنبېشىغا قاراشلىق ئىدى. شۇڭا بۇندىن كېيىن تۈركمەنىستاننى قېيىن كۈنلەر كۈتمەكتە. باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دۆلەت باشلىقى ۋەكىلى دەپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، 2007-يىلى 3-ئايغىچە دۆلەت باشلىقى سايلىنىشى كېرەك. شۇڭا تۈركمەنىستاننى قېيىن ۋە قالايمىقان بىر باسقۇچنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى دىيىشكە بولىدۇ".

سىنان ئوگان ئەپەندى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئانچە تەسىر يارىتالمايدىغانلىقى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركمەنىستان خەلقى سىياسەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان . تۈركمەنىستان قەبىلىلەرنىڭ كېڭىشى بىلەن ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان بىر دۆلەت. شۇڭا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنىڭ بارلىققا كېلىش ئېھتىمالغا يېقىن. ئەمما ئۆكتىچىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقتىن ياردەم ئالالمايدۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك".