رادىئومىزنىڭ گېرمانىيىدىكى مۇخبىرى تيەنيىنىڭ فرانكفورتتىن خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 6 - 7- ماي كۈنلىرى فرانكفورت شەھىرىدە 2006 - يىللىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يىغىندا 'ئۇلۇق ئىرا ۋاقىت گېزىتى' گە پەۋقۇلئاددە ئۇچۇر مۇكاپاتى بەرگەن.
پەۋقۇلئاددە ئۇچۇر مۇكاپاتى
'ئۇلۇق ئىرا ۋاقىت گېزىتى' نىڭ گېرمانچە نۇسخىسىنىڭ مەسئۇلى جۇلىننىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 'ئۇلۇق ئىرا گېزىتى' گۇرۇھىغا كۆپ خىل تىل -يېزىق ، كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ پۈتۈن دۇنياغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن ۋە بۇ جەرياندا 2004 - يىلىدىن باشلاپ 'كوممۇنىست پارتىيىگە 9 باھا' دېگەن چاتما ئوبزورنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھازىرغا قەدەر 10 مىليون كىشىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆز ئىسمى بىلەن ياكى تەخەللۇس قوللىنىپ رەسمىي جەدىۋەل توشقۇزۇپ كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىقىدىن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىقىدىن ۋە كوممۇنىستىك ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتىنىڭ پىئونېرلىقىدىن چېكىنىپ چىقىش دولقۇنىنى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇچۇر مۇكاپاتى بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىغىندا يەنە 'ئۇلۇق ئىرا گېزىتى'دە ئېلان قىلىنغان خىتايدا ئىقتىساد تىز تەرەققى قىلىۋاتقاندا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى يامانلاشقانلىقى پاش قىلىنغان بىر ماقالىغا 1 - دەرىجىلىك ئۇچۇر مۇكاپاتى؛ خەلقئارادىكى بەزى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىچىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىشىگە ياردەم قىلغانلىقى پاش قىلىنغان بىر ماقالىغا 2 -دەرىجىلىك ئۇچۇر مۇكاپاتى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن روھىي كېسەل دەپ قارىلانغان بىر كىشىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان بىر ماقالىغا 3 - دەرىجىلىك ئۇچۇر مۇكاپاتى بېرىلگەن.
فالۇنگۇڭ كوللېكتىپى، خىتايدا ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تۆھبە قوشتى
- فالۇنگۇڭ كوللېكتىپى 'چەكلىمىسىز تور'، 'ئەركىنلىك دەرۋازىسى' دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل يۇمشاق دېتالنى ئىجاد قىلىپ، خىتايدا ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تۆھبە قوشتى، - دەپ باشلىنىدۇ "چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىنتېرنېتكە قويۇلغان توساقلارنى بۇزۇپ تاشلايلى" دېگەن ئوبزورنىڭ بىرىنچى جۈملىسى. بۇ ئوبزورنى 'كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقىغا ئوت قويىۋىتەيلى' دەپ ئوبزور يازغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان، ھازىر خىتايدا ئۆزىگە- ئۆزى ئەركىنلىك بېرىپ يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان جاۋ گوبياۋ ئەپەندى 8 - مارت كۈنى 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلدى. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھەر قانداق كىشى خىتايچە 'ۋۇجىې ۋاڭ'، 'زىيۇمېن' دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل يۇمشاق دېتالنى قوللانسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىنتېرنېت تورىغا بىكىتكەن ھەر قانداق توساق، 'ئوتتام' لارنى بىمالال بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەلقئارالىق تور بەتلىرىگە كىرىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش مۇمكىن. ئەگەر فالۇنگۇڭچە نەپەس مەشقى قىلىدىغان پەن-تېخنىكا ئەزىمەتلىرى ئىجاد قىلغان بۇ ئىككى خىل يۇمشاق دېتالنىڭ قايسىبىرىنى بولمىسۇن خىتايدا قوللانمىغان كىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىنتېرنېت دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنى خىتاي ھۆكۈمىتى توسالمايدۇ. بۇنداق پەۋقۇلئاددە تۆھپە ئۈچۈن بىز فالۇنگۇڭچىلارغا بارىكاللا دېيىشىمىز كېرەك.
ئۇلۇق ئىرا گېزىتى' ھەققىدىكى قاراش
- خىتاي خەلقى ھازىر بىۋاستە پايدىلىنىۋاتقان ئىككى خىل خىتايچە مەنبە بار. ئۇنىڭ بىرى ھەرخىل ئۇچۇرلار، يەنە بىرى ھەرخىل تەھلىللەر، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئەركىن يازغۇچى جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، - شاڭخەيدە كىشىلەر ئىنتېرنېتكە كىرسە، ئادەتتە 'خەلق گېزىتى'، 'شىنخۇا تورى'، 'سىنا تورى'، 'سۇخۇ تورى' دېگەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى گەپ-سۆزلەر ۋە كۆز قاراشلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان 'ئۇلۇق ئىرا گېزىتى'، 'يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيەسى' ، 'ئۈمىد رادىئوسى' دېگەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەلق ئىچىدىن كەلگەن ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدۇ. خىتايدا كىشىلەرنىڭ قىزىقىپ ئوقۇۋاتقىنى مۇشۇ مەنبەلەر . ئەمما ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بىر خادىمى ماڭا ، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - 'ئۇلۇق ئىرا گېزىتى' تەڭشەلمىگەن ئۇچۇرلارنى كۆپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ۋاشىنگتوندا بىر قىسىم ژۇرنالىستلار كۆزگە ئىلمايدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. مىنىڭ قارىشىمچە، 'ئۇلۇق ئىرا گېزىتى' نى كۆزگە ئىلمىغان ژۇرنالىستلار غەربنىڭ دوگما نەزىرىيىچىلىرى. ئۇلار خىتاينىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر. خۇددى دۇنيادا ھەممە ئىشنى خودا تەڭشىگەندەك تەڭشىيەلەيدىغان ھېچقانداق مەخلۇق بولمىغاندەك، كىشىلەر ئادەتتە خىتاي توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى زومۇ-زو تەڭشىەشنى كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە 'ئۇلۇق ئىرا گېزىتى' ئېلان قىلغان كۆپىنچە ھالدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خاتالىقىنى ئۇدۇل پاش قىلىپ تاشلىغان خەۋەرلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنېتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى دۇنياغا تارقىتىۋاتقان مەخسۇس كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەيىبىنى يۇشۇرىدىغان شۇ قەدەر كۆپ بورمىلانغان ياكى توقۇلما خەۋەرلىرى خەلق ئىچىدە بىرجايغا جەم بولغاندا، خىتاي ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاللىقاچان تەبىئىي ھالدا تەڭشىلىپ بولغان. (ۋەلى)