قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ھەمدە قىرغىزىستان سابىق پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ قىرغىزىستاندىن قېچىپ كېتىشى، ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. بۇنىڭ قاتارىدا ئېنگلىزچە چىقىدىغان "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتى يېقىندا ن. ت تارىمىنىڭ "ئاقايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى" دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
ماقالىنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھازىر، ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن ھوقۇقنى قولغا ئالغان يېڭى دېموكراتىك ھۆكۈمەتنىڭ، ئەسقەر ئاقايېف دەۋرىدىكى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى بىرلىكتە باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدا يەنە، ئاقايېف ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى نوقۇل ھالدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ ئەھۋال قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى غەزەبلەندۈرۈشتىن سىرت، نۇرغۇن قىرغىز زىيالىيلىرى ھەتتا ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەمدە ئۇلار قىرغىزىستاندىكى ئوش، جالال-ئاباد ۋە بېشكەك قاتارلىق شەھەرلەردە تۈرلۈك نامايىشلارنى ئويۇشتۇرۇپ، ئاقايېف ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرىۋېتىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن.
قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسى
ئاپتور ن. ت تارىمى ماقالىسىدا، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا، ئەگەر ئۇلار ھۆكۈمەتنى قولىغا ئالسا خەلقئارا قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىگە يول قويۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېڭى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى يازغان.
ئاپتور يەنە، قىرغىزىستان دەسلەپ مۇستەقىل بولغاندا پرېزىدېنتلىككە تەيىنلەنگەن ئەسقەر ئاقايېفنىڭ دىموكراتىك قىرغىزىستان دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ماقالىدا ئەسكەرتىلىشىچە، قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى چىن كۆڭلىدىن رىغبەتلەندۈرگەن ۋە قوللىغان مىللەت ئۇيغۇرلار ئىكەن. شۇنداقلا تۇنجى پرېزىدېنتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەسقەر ئاقايېفمۇ "قىرغىزىستان، بارچە مىللەتلەرنىڭ ئۆيى" دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ يەردىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئويۇنى
بۇ ئارىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى بەربات قىلىش پىلانغانغان مەخپىي "7 - نومۇرلۇق ھۆججەت" ئىنى چىقارغان. بۇ ھۆججەتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، غەربنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىنى توسۇش ھەمدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئەسقەر ئاقايېف 1996 - يىللىرىغا كەلگەندە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى نەزەردە تۇتۇپ ھەمدە كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ يەنىلا خىتايغا بېقىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خىتايدىن ئالىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنى سېتىۋەتكەن. ئاقايېف قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى ئوچۇق چەكلىگەن ھەمدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرىۋەتكەن. بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەۋەلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ھەتتا قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۇچرىغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ئويۇنى قىرغىزىستاندىلا ئەمەس بەلكى قازاقىستاندىمۇ مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغان.
قىرغىزىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار كۆپ توپلاشقان مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك، قاراقول، قارابالتا، ئوش ۋە ئۈزگېن قاتارلىق شەھەرلەرگە توپلاشقان. گەرچە قىرغىزىستاندا قانچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 1996 - يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىدا، بۇ يەردە 45124 ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. ئەمما تەتقىقاتچى ۋېنېرا جۇماتايېۋانىڭ قازاقىستاندا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 150 مىڭغا يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھەتتا 250 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇرلار يېڭى ھۆكۈمەتتىن ئۈمىد كۈتمەكتە
ئاپتور ن ت تارىمى ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئۆرۈپ -ئادەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تۈركمەنلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققاندا، بۇ دۆلەتلەردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر قەرتىنى ئۇستاتلىق بىلەن ئويناپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاخىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
لېكىن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىنچ يولدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن ھوقۇقنى ئاقايېف ھۆكۈمىتىدىن تارتىۋېلىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا يېڭىدىن بىر خىل ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى يەكۈنلەنگەن. شۇنداقلا قىرغىزىستاندىكى بۇ ۋەقە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە 18 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 3 - قېتىملىق تىنچ يولدا ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ۋەقەسى بولۇپ، بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاتورلۇق ھاكىمىيەتلەرگە بىر سىگنال بەرگەن. (پەرىدە)