ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ


2007.05.08

قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى" قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيانىڭ ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش ئىدىيىسى نۆۋەتتە، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، بۇنىڭغا رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە مەزكۇر دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئېنىق ئىپادە قىلىنمىغان. بىراق، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزارا ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، " مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى" دەپ ئاتالغان خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر گەۋدىنى قۇرۇپ چىقىش ئىدىيىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ئالدى بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ئاۋاز قوشقان شۇنىڭدەك قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ دەرھال بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭغا مۇناسىپ، بىر نەپەر ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئۆزارا قويۇق ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نازاربايېف ئۆز تەشەببۇسلىرىدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ھەم بىخەتەرلىكىنى تەمىن ئېتىشى مۇمكىنلىكى، چۈنكى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇشتەك قولاي ئەۋزەل شارائىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، رۇسىيىدە چىقىدىغان " خەۋەرلەر " گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانى بىرلەشتۈرمەكچى" ناملىق خەۋەر ئانالىزىدا "قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۈچۈن مۇھىم جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەنپەئەت رايونى بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قويۇق بىرلىشىشى كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى پولاي دايكنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار بىلەن بولغان ئۆتكەن يىلدىكى سودىسى ئىككى مىليارد دوللارغا يەتكەن. بىراق، ئامېرىكا مەزكۇر سودا مىقداردا توختاپ قالماقچى ئەمەستۇر، ئۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدۇ.

مەركىزىي ئاسىيا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم رايون

ئامېرىكا مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى پولاي دايك تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن" مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى قاتناش تۈزۈلمىلىرى" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا يۇقىرىدىكى ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، " بىز، مەركىزىي ئاسىيانى بىزنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم رايون دەپ ھېسابلايمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تەرەپ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تاموژنا، خىيانەتچىلىككە قارشى كېتىۋاتقان مۇرەككەپ كۈرەشتە ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە كۆپىيىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ.

پولاي دايىك ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى مەقسەتنى چۈشەندۈرۈپ، " ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مەقسىتى رايوندىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ياخشىلاش، دېموكراتىك مۇمكىنچىلىكلەرنى كۆپەيتىش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت" دەيدۇ. ئۇ، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن پەقەت ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئىسلاھاتلىرى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى، ھۆكۈمەتتىكى خىيانەتچىلەرنى جازالاش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىش ھەمدە تاموژنا خادىملىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مائاشلىرىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئامېرىكا خالىسىمۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاي خالىماسلىقى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مەركىزىي ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشىغا ئەزەلدىنلا دىققەت ئېتىبارىنى بېرىپ كەلگەن بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بەرگەن. مەسىلەن، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغان 15 يىل جەريانىدا ئامېرىكىدىن بىر مىليارد دوللارغا يېقىن ياردەمگە ئېرىشكەن بولۇپ، دۆلەت خامچوتىنىڭ مۇھىم قىسىمى بۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىنغان ئىكەن.

مەركىزىي ئاسىيا ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن ئۆزبېكىستانلىق سىياسىيون جاھانگىر مۇھەممەد قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە، رايوندا دىكتاتورلۇق، پارىخورلۇق تۈزۈملىرى شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي قاششاقلىق يەنىلا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرماقتا، خىتاي ۋە رۇسىيە بۇ خىل تۈزۈم ۋە ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى رايوندىن سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن رايوندىكى ھازىرقى دىكتاتور رەھبەرلەر بىلەن قويۇق ھەمكارلاشماقتا.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى خالىسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىنلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنى خالىماسلىقى مۇمكىن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.