ئامېرىكا ئالىمى شون روبېرتس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق جىنايىتى ئارتىشىغا قوشۇلمايدۇ


2008.03.14

ئامېرىكىلىق خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى شون روبېرتس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، 11‏- مارت كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىكى باياناتىغا نېمە ئۈچۈن گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى شەرھلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى بولغان شون روبېرتس ئەپەندى، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرچىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.

سوئال : ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرىلغان چوڭ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدىڭىز. 11‏- مارت كۈنى ئۆز تور بېتىڭىزگە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئولىمپىك ماۋزۇلۇق ماقالىڭىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپسىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە چاتىدىغان باياناتلىرىغا گۇمان بىلەن قارىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتلىرىغا بىرنەچچىلىگەن سەۋەبتىن گۇمان بىلەن قارايمەن. بىرىنچىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇر مىللىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا تەشكىللىك بىر تېررورلۇق گۇرۇپپىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل- ئىسپات ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ھەتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تونۇشتۇرغان، بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ كۆرسىتىلگەن پائالىيەتلەرنى يا تېررورلۇق پائالىيىتى كاتېگورىيىسىگە كىرمەيدىغان پائالىيەتلەر ياكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ياكى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى، ئېنىق بولمىغان ھەرىكەتلەردۇر.

ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ياكى سىياسىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قارىلاش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ھازىرقى پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەشكىلات ياكى گۇرۇپپىنى تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭدىن سىياسىي مەنپەئەت ئېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇۋاپىق بىر شارائىت مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلاش ۋە دۇنياغا تېررورلۇق تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېيجىڭغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى بىر پۇرسەت دەپ قاراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى، ئۇيغۇرلار تېررورچى دەپ رەت قىلىشىنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن.

سوئال: ئەپەندىم، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن دەپ كۆرسەتمەكتە. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پەرەزلەر مەۋجۇت. ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پەرەز، ئامېرىكا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ھەمدە ئىراق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن دېگەن پەرەز دۇر. لېكىن، مەن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي مەسىلىسىدە بىر ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرغىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى ياكى بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرمىدىم.

لېكىن شۇ مەسىلىسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر كۆرىمەن. كىچىك بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قوزغاش ئۈچۈن ئافغانىستانغا بارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىر ئىككى كىچىك گۇرۇپپا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ھەتتا ئافغانىستانغا بارغان كىچىك گۇرۇپپىنىڭمۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەس. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھەرىكەت.

كۆپ رەخمەت سىزگە شون روبېرتس ئەپەندىم. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.