ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خادىمى مىندى لايمۇر بىلەن سۆھبەت


2005.08.12

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 19-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئىدارە - ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خادىمى مىندى لايمۇرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى.

قانات: ھۆرمەتلىك مىندى خانىم، ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىڭلار قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ؟ بۇ سەپىرىڭلار داۋامىدا قايسى شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىماقچى؟

مىندى خانىم: بىز 19- ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىمىز. 19- ۋە 20 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرىشىمىز ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى بەزى مەسچىتلەرنى ۋە رابىيە قادىر سودا سارىيىنى زىيارەت قىلىمىز. 21- ئاۋغۇست كۈنى قەشقەرغە بېرىپ، ئۇيەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرىشىپ، بەزى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىمىز.22- ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردىن تىبەتنىڭ پايتەختى لاساغا قاراپ يولغا چىقىمىز.

قانات: قەشقەرنى زىيارەت قىلىش ئىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇردىمۇ ياكى سىلەر تەلەپ قىلدىڭلارمۇ؟

مىندى خانىم: بىز خىتاي ھۆكۈمتىدىن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز جەريانىدا قەشقەرگە بارىمىز دەپ تەلەپ قىلمىدۇق. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قەشقەردىكى بەزى كىشىلەر بىلەن بەزى ئىماملار بىلەن كۆرىشىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. يەنى بىز قەشقەرگە بېرىشنى ئەمەس، قەشقەردىكى بەزى ئىماملار بىلەن كۆرىشىشنى تەلەپ قىلدۇق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى قەشقەرغە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قانات: قەشقەردە خەلق بىلەن ئۇچرىشىش پىلانىڭلار بارمۇ ؟

مىندى خانىم: ھازىرچە بىزنىڭ مەقسىدىمىز، قەشقەردىكى بەزى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت. قەشقەرغە بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە خەلق بىلەنمۇ ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

قانات: زىيارىتىڭلار جەريانىدا قايسى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى، ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن ئۇچرىشامسىلەر؟

مىندى خانىم: ھازىرچە ئۇچرىشىدىغان رەھبەرلەر ئارىسىدا ۋاڭ لېچۈئەن يۇق. لېكىن بىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەلەيمىز دەپ ئويلاۋاتىمىز. ئەمما ئىسمائىل تىلۋالدى بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىمىز ئېنىق.

قانات: ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى سىلەرنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىڭلارنى قوبۇل قىلمىغان. بۇ يىل ئۈرۈمچىگىلا ئەمەس، قەشقەرغىمۇ بېرىشىڭلارنى قوبۇل قىلغان. سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

مىندى خانىم: سىز دېگەندەك، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلمىغان. بۇ يىل بىزنىڭ قەشقەرنىمۇ زىيارەت قىلىشىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە - ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىشىمىز ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى. سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەنمىز.

قانات: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭلار جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنسىلەر. ئۇنىڭ بىلەن قايسى مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى؟ بۇ ھەقتە بىر ئاز مەلۇمات بىرەمسىز؟

مىندى خانىم: بىز يېقىندا چىققان خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىدۇق. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. لېكىن بۇ ئىدارىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئويناۋاتقان رولى باشقا رايونلارغا قارىغاندا پۈتۈنلەي پەرقلىق. بىز جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىن، مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدا ئويناۋاتقان رولى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىپ، بۇ مەلۇماتلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي سىياسىتىنى باھالاشتا ئىشلىتىمىز.

قانات: سىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل سىلەرنىڭ ئۈرۈمچىگىلا ئەمەس، قەشقەرغىمۇ بېرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلغان. شۇنداقلا زىيارىتىڭلار جەريانىدا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى سىلەر بىلەن كۆرىشىشنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، سىلەرنىڭ رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە - ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرىشىشىڭلارنىمۇ قوبۇل قىلغان. مەن يۇقىرىدىكى سۇئالىمنى يەنە تەكرارلىماقچىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشى مۇمكىن.

مىندى خانىم: بىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۈرۈمچىدە كۆرىشىدىغان رەھبەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئالغىنىمىزدا ھەيران بولدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ بىلەلمىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.