قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلدى


2006.06.27

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلدى.

بۇنىڭ قاتارىدا يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 20‏-ئىيۇن كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيىنىڭ بېشكەكتىكى ئەلچىخانىسىدىن ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.