0:00 / 0:00
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلدى.
بۇنىڭ قاتارىدا يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 20-ئىيۇن كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيىنىڭ بېشكەكتىكى ئەلچىخانىسىدىن ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.