
يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئاماسىيە ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىدە 8- نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. سەنئەت بايرىمىغا ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مېھمانلار بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
ئاماسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بايرىمىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشماقتا. ئۇنداقتا بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ ئاماسىيە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
بۇ مەسىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئاماسىيە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، سابىق مىنىستىر ئىسمەت ئۆزئارسلان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ئىسمەت ئۆزئارسلان ئەپەندى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، بۇ سەنئەت بايرىمىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار قاتنىشىدىغان خەلقئارا سەنئەت بايرىمى قىلىپ، ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك ياردەمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.