فرانسۇز تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى
2007.02.15
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ غەرب سىياسىي سەھنىسىدە كۈنسېرى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى، تېخىمۇ كۆپ مۇتىخەسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيىتمەكتە. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە. ھەر قايسى ئەللەردىن د ئۇ ق باش شىتابىغا كېلىپ ئۇيگۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ غايىسى، كۆلىمى ۋە كۈرەش ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە جەلىپ قىلماقتا.
"5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا زور قىزىقىش ئىچىدە ئىشتىراك قىلغان پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى خەمى ئەپەندى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ھەۋەس باغلىغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق باش شىتابىدا ئېلىپ بارغان ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى. خەمى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىغا جەلىپ قىلىنىشقا سەۋەپ بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ:
"مەن ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنى ناھايىتى كېچىكىپ تونىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن مەلۇمات ئىگىلەشكە باشلىغان چېغىمدا، ئۆتمۈشتە شۇ قەدەر شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ۋە ئاجايىپ سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، دۇنياغا ئۇزۇن بىر زامان تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى بولۇپ تونۇلغان بۇ مىللەتنىڭ ھەتتا ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاتاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان پاجىئەلىك تەقدىرگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۆز تارىخىنى، ئۆز ئىرادىسىنى ئاشكارە سۆزلىيەلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى كەم ئۇچراتتىم. ئۇلار قارىماققا تىنچ ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، كۆڭۈللىرى ئەنسىزچىلىككە چىرمالغان ئىكەن" دېدى.
خەمى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىنى كەزگەنلىكىنى، ئۆزى ئوقىغان تارىخى كىتابلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇلۇغۋارلىقلارنىڭ ئاللىبۇرۇن چۈشكە ئايلانغانلىقنى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نە پىكىر ئەركىنلىكى نە ئېتىقات ئەركىنلىكىدىن سۆز ئاچالمايدىغانلىقىنى، خىتاي بېسىمىنىڭ ھەر بىر ئائىلىغىچە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئەپسۇسلاندى.
خەمى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەم ھاكىمىيەت تارىخىدا تەسىرلىك ئورۇن تۇتقان سوپىزم تەلىماتىدىن ئىبارەت ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بۇ فرانسىيىلىك تەتقىقاتچىدىن، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سوپىزم تارىخىغا بۇ قەدەر دىققەت بېرىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى شەرھىلەپ مۇنداق ئىزاھات بەردى:
"ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە سوپىزم سەۋەپچى بولغان ئىكەن. ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار ماجراسىنى سوپىزم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. 17 – ئەسىرگە كەلگەندە، مەركىزى ئاسىيادا يەنىلا كۈچلۈك دۆلەت سانالغان سەئىدىيە سۇلتانلىقىنى ئاپپاق غوجا باشچىلىقىدىكى سوپىلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يوقاتقان ئىكەن. ئەسىرلەردىن بۇيان ئاسىيا ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي دۆلەتلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە، سوپىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى مېنى ئەجەپلەندۈردى. گەرچە سەئىدىيە سۇلتانلىقىدىن كېيىن قەشقەرىيە دۆلىتى، ئىلى سۇلتانلىقى ۋە 33 – يىلى، 44 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۆمرى قىسقا بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ شان – شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ 1877 – يىلى خىتاي – مانجۇ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكىگە ئايلانغانلىقىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەن سوپىزمنى تەتقىق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە باشقا تېمىلارغا كۆچىمەن".
فرانسىيىلىك بۇ تەتقىقاتچىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا خاتالىشىدىكەن. خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك يازدۇرۇلغان ساختا تارىخ نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىكەن. ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخى ئۇچۇرلارنى دۇنيا تارىخىنى تەتقىق قىلغان مەشھۇر تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپ ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ چەتئەل تىللىرا نەشىر قىلىنغان مۇكەممەلرەك شەرھىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار ھە دېگەندىلا خىتاي تارىخلىرىدا تەسۋىرلەنگەن بايانلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر قالىدىكەن.
خەمى ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بەزى قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەقىقى تارىخى ئەسەرلەرنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ۋە كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقى سەۋەبلىك كۆپ ماتېرىيال توپلىيالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقىقى تارىخنى بىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلار خىتاي تەھدىتى تۈپەيلى چەتئەللىكلەرگە مەلۇمات بېرەلمەيدىكەن.
خەمى ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق غا تارىخى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشىر قىلىش، مۇمكىن بولسا چەتئەل تىللىرىدا نەشىر قىلىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر مەخسۇس تارىخ يېزىش گورۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلار تارىخىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ياسالما تارىخنىڭ دۇنيانى ئالداش رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىلىق پروفېسسورنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان پروفېسسور، دوكتور تىمۇر كوجائوغلۇ بىلەن سۆھبەت
- شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquette
- Dru Gladney كانادا CBC تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
- لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ (2)
- ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(2)
- لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ (1)
- ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(1)