ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى غۇل-غۇلا قوزغىماقتا
2007.10.29

ئەلۋەتتە، 26 ياشلىق ئەلىشىر سايىپوۋ شىتابى ۋاشىنگتوندىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان " ئامېرىكا ئاۋازى " رادىئوسىنىڭ شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشىغا باغلىق پاراگادىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان " ئازادلىق رادىئوسى" نىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى يېتەكچى مۇخبىرى ئىدى. ئەلىشىر سايىپوۋ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ ئۆزبېك شۆبىسى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغاندىن سىرت يەنە رۇسىيىدە تىزىمغا ئېلىنغان پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدىمۇ خىزمەت قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن دېلونى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
ئۆز مۇخبىرى ھېسابلانغان ئەلىشىرنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا ئامېرىكا تەرەپمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى، ئەركىنلىك سارىيى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىنى باشقۇرۇش كېڭىشى ھەمدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇنىڭدەك خەلقئارا ژورنالىستلارنى ھىمايە قىلىش خەلقئارا كومىتېتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ دېلونى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، " بىز ، بۇ ۋەھشىيانە ھەرىكەت ئۈستىدىن دەرھال ۋە ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى. باياناتتا يەنە، "ئاخباراتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپسىز خەۋەرچىلىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق جەمىيەتنىڭ ھۇل تېشىدۇر. شۇنداقلا ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش يولىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا سۈكۈت قىلىنمايدۇ،" دەپ كۆرسىتىلگەن. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفمۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئۆزى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ ئۆزبېك شۆبىسىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەلىشىر سايىپوۋ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "سىياسەت "ناملىق ئەركىن گېزىت نەشىر قىلىپ، ئۇنى پەرغانە ۋادىسىدا تارقىتىشنى باشلىغان ھەمدە ژورنالىستلار ئالاقە ئورگىنى قۇرۇپ، تەشكىللەش پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش بىلەن تېخى ياش بولۇشىغا قارىماي، كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر رادىئو ئىستانسىنىڭ باشلىقى دان ئائۇستىن ئەلىشىرنىڭ ئۆلۈمىدىن ئېچىنىپ، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە باھا بېرىپ، "ئەلىشىر ئۆز كەسپى ئۈچۈن جان بەردى" دېگەن.
ئەلىشىر سايىپوۋنى كىم ئۆلتۈردى؟
قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان ۋىلايىتى قوشنا، ھەر ئىككىلا تەرەپتە ئۆزبېكلەر ئاساسىي ئاھالە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرلەردە يەنە ناھايىتى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ ياشايدۇ. لېكىن، قىرغىزىستان تەۋەسى بىلەن ئۆزبېكىستان تەۋەسى مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقا جەھەتلەردىن كەسكىن تۈردە پەرقلىنىدۇ. قىرغىزىستاندا بۇ جەھەتلەردە كۆپ ئەركىنلىك مەۋجۇت بولۇپ، 2005-يىلىدىكى ئەندىجان ۋەقەسىدىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەر قىرغىزىستان تەرەپكە قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى پائالىيەتلىرىدە ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلىش كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۈز قىلىنىش ئەھۋالىنى كەڭ يورۇتقان ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرى ئادىل رۇزالىيېۋنىڭ يېزىشىچە، ئوشلۇق ژۇرنالىست گالىما بۇخاربايېۋا شۇ سەۋەبتىن ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلىشىر ھەققىدە يېزىلغان ماتېرىياللارغا كۆرە، ئۇ سىياسەت ناملىق گېزىتىنى ئۆزبېكىستانغا كىرگۈزگەن ھەمدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى سۆككەنلىكى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان تەرەپ ئۇنى "مىللەتنىڭ خائىنى" دەپ ئاتىغان ئىكەن. ھەتتا، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان - "گۇئاردىيان" مەجمۇئەسىدە 28-چىسلادا ئېلان قىلىنغان ناتالىيە ئانتېلېۋا ئىسىملىك ژۇرنالىستنىڭ ئوبزورىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ئۆزبېكىستان تەرەپ ئەلىشىرنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كاللىسىغا 10 مىڭ دوللار باھا قويۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرمۇ تارقالغان ئىكەن. قىسقىسى، ئەلىشىرنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە .
نۆۋەتتە، ئەلىشىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بىرى ئادەتتىكى جىنايى گۇرۇپپىلارنىڭ قەست قىلىشىغا ئۇچرىدى ، دېگەن يەكۈن بولسا، بولسا، يەنە بىر ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولى بار دېگەن يەكۈندۇر. ھەتتا، پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئىنسان ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى تۇرسۇنباي باقىر ئوغلى ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىغا " قىرغىزىستان ئالاھىدە خىزمەت ئورگىنىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئۆزبېكىستان ئالاھىدە خىزمەت ئورگىنى زاكاز قىلغان " دەپ بىلدۈرگەن ئىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تېخى ھازىرغىچە بۇ دېلونىڭ يىپ ئۇچى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق ، ئوشتىكى 200 دىن ئارتۇق ژۇرنالىست ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن دېلونى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىشمۇ ئۆتكۈزگەن. ئەمما، بىر قىسىم ئۆزبەك ئۆكتىچىلىرى قىرغىزىستان تەرەپ دېلونى ئېنىقلاپ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ سىرنى پاش قىلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
نۆۋەتتە، ئەلىشىر سايىپوۋ ھەققىدە تۈرلۈك ماقالىلار ، ئوبزورلار ۋە باشقا ئۇچۇرلار داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا. ئەمما، بۇ دېلونىڭ مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قېلىشىمۇ پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى
- ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار مەيدانغا كەلمەكتە
- تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۆزبېكىستان پارلامىنتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى ماقۇللىدى
- ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشى ئېغىر بولماقتا
- پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتماقچىمۇ؟
- ئۆزبېك پائالىيەتچىسىنى، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن رۇس ئوفىتسېر جازالاندى
- ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلغان ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئىبراھىم ۋاسىلىي
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- ئەرەب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ژورنىلى "تۈركىستان ئاۋازى"
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- ئۈزبېكستان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ...
- ئۆزبېكىستاندا سەرگەردانلار كۆپەيمەكتە
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى كېچىكتۈردى