"يىگىرمە بەش مىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" دىكى ئەپيۇن تىجارىتى


2006.10.24

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 10 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى بېيجىڭدا "يىگىرمە بەش مىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر"نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە خۇجىنتاۋ بىلەن جاڭ زېمىن سىياسىي بيۇرونىڭ 8 دائىمىي ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان. خۇجىنتاۋ يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ماۋزېدوڭ قاتارلىق كىشىلەر قىلغان بۇ ئۇلۇق سەپەرنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ۋە مەڭگۇ ئەستە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان توختىتىپ قويۇپ ئېيتىلماي كېلىۋاتقان دۆلەت شىرى قايتىدىن ئېيتىلغان. تەكلىپ مۇخبىرىمىز شىنيۈنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلەر بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنى، خۇجىنتاۋ شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئاساسىنى غولاتقاندىن كېيىن، خىتايدا ئەمدى ماۋزېدوڭچە يول تۇتىدىغان خۇجىنتاۋ دەۋرى رەسمىي باشلاندى، بۇنىڭ ئۈچۈن خۇجىنتاۋ بىلەن جاڭ زېمىندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇرەسسەگە كەلدى، دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

"يىگىرمە بەشمىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" ئەمەس، بەلكى چوڭ قېچىش

"يېڭى ئەسر ژۇرنىلى"دا بايان قىلىنىشىچە، لى نەنياڭ قاتارلىق كىشىلەر ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەت-ئالاقىلىرى ۋە يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى توپلاپ تەييارلىغان "لى رۇي، فەن يۇەنجېڭلارنىڭ 1936 ‏- يىلىدىن 1960 ‏- يىلىغىچە يازغانلىرى"دېگەن بىر كىتاپ 2005 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان لى رۇي ئەپەندى دەل ماۋزېدۇڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى كاتىبى. بۇ كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە ھازىر ئېيتىۋاتقان "ئۇلۇق سەپەر" دېگەن بۇ ھېكايە، ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا ھېچقاچان پىلانلىق ھالدا قىلىنغان "يىگىرمە بەشمىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" ئەمەس ياكى "شىمالغا كېلىپ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىش"مۇ ئەمەس، بەلكى بىر قېتىملىق چوڭ قېچىش بولغان. مەزكۇر كىتابتا بۇ ۋەقە بايان قىلىنغاندا، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان.

"شىمالغا كېلىپ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ئۇلۇق سەپەر" دېگەن بىر چوڭ يالغان

بېيجىڭ "سەنليەن" نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 ‏- يىلى نەشر قىلىنغان "جوڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتى" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتىدا سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان "شىمالغا كېلىپ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ئۇلۇق سەپەر" دېگەن گەپ بىر چوڭ يالغان. ماۋزېدوڭ 1937 ‏- يىلى شىمالى شەنشىدىكى سەككىزىنچى ئارمىيىگە چۈشۈرگەن يوليۇرۇقىدا "جوڭگو-ياپون ئۇرۇشى پارتىيىمىزنىڭ تەرەققى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت" دېگەن. ماۋزېدوڭ بۇ ئىستراتېگىيىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ "بىر ئۈلۈش كۈچنى ياپونغا قارىتىش، ئىككى ئۈلۈش كۈچنى گومىنداڭغا قارىتىش، يەتتە ئۈلۈش كۈچ بىلەن پارتىيىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇۋېلىش كېرەك" دېگەن. بۇ كىتابتا ئېيتىلىشىچە ماۋزېدوڭ "بىز ياپونلار بىلەن بىۋاستە قارشىلاشمايمىز، بىز ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز " دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم قىلغان. بۇ سۆزنى ئەستە قالدۇرغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ.

ئەپيۇن"يىگىرمەبەشمىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر"دە پۇل ئورنىدا قوللىنىلغان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان

"لى رۇي، فەن يۇەنجېڭلارنىڭ 1936 ‏- يىلىدىن 1960 ‏- يىلىغىچە يازغانلىرى" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "يىگىرمە بەشمىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" دەپ ئاتالغان چوڭ قېچىش جەريانىدا، ئەپيۈننى "دەيجىن" يەنى ۋاكالەت ئالتۇن، دەپ ئاتاپ، ئۇنى پۇل ئورنىدا قوللانغان. كوممۇنىست پارتىيە خادىملىرى ئەپيۈننى پۇل ئورنىدا يانچۇقىغا سېلىپ يۈرگەن. بارغانلىكى جايدا ئەپيۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ۋاڭ جېن بىلەن ۋاڭ ئىنماۋ يەنئەندە مەخسۇس ئەپيۇن تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان

موسكۋانىڭ تا س س ر مۇخبىرى ۋىلادىمىروفنىڭ "يەنئەن خاتىرىسى" دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيىسى گومىنداڭنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغاندا، 1934 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا جاڭشىدىكى تايانچى بازىسىنى تاشلاپ غەرب تەرەپكە قاراپ قېچىپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق قاچاق 5 ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، 1936 ‏- يىلى يەنئەنگە يېتىپ كەلگەندە، ئاران 30 مىڭدەك ئادىمى قالغان. ئۇلار يەنئەنگە كەلگەندىن كېيىنلا ، ۋاڭ جېن بىلەن ۋاڭ ئىنماۋنىڭ 359 ‏- بېرىگادىسى نەننىۋەندە ئەپيۇن تېرىشقا باشلىغان. بۇنى كوممۇنىست پارتىيە تارىخىدا "بۈيۈك ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى" دەپ ئاتايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەپيۈننى پىششىقلاپ ئىشلەش خې لوڭنىڭ دىۋىزىيە شىتابىدا ئورۇنلىنىپ تۇرغان. ماۋزېدوڭ "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" نىڭ ئۈلگىسى قىلىپ تىكلىگەن جاڭ سىدﯤ دېگەن جەڭچى، ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىدە ئېيتىلغاندەك "كۆمۈر كۆيدۈرۈش"جەريانىدا ئەمەس، بەلكى ئەپيۇن پىششىقلاش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن. شۇ زاماندا يەنئەندە كەڭ تارقالغان "قىزىل قوياش نۇرىدا ئۆسكەن كوكنار گۈلى پۇراقلىق" دېگەن ناخشا ئۇزۇن يىللارغىچە، تا خەلق بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالغۇچە " ئىنقىلابىي ناخشا" دەپ ئېيتىلىپ كەلگەن ئىدى.

شىنجاڭدىكى ھەربىيلەر "ئۇلۇق سەپەر روھى" غا ۋارسلىق قىلىشقا ۋەدە بەرگەن

شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى، شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق ھەربىي 10 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان "ئۇلۇق سەپەر كۆرگەزمىسى"گە توپلانغان. ئۇلار بۇنىڭدىن تەربىيە ئېلىپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ يەنئەن روھىغا ۋارسلىق قىلىپ، شىنجاڭدا يېڭى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ۋەدە بېرىشكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.