
خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەرگە قاراتقان تېشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا كەلگەن خىتاينىڭ 30 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن شىنجاڭنى چەت ئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندىن سىرت يەنە خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەنقىدلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى مەخسۇس شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىي كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلمەكتە .
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن خىتاينىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جاۋ جىڭجۈن باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندا، " شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەر مىللەت ئاممىسى تىنچ، خوشال-خورام ياشىماقتا، چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلاردىن شىنجاڭنى چەت ئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چەت ئەللەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم" دەپ تەكىتلىگەن .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.