ۋاڭ لېچۈەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان دوكلاتىغا ئىنكاس
2006.03.08
5 - مارت كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كومپارتىيە باش سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا يىغىنىدا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، "بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە، شىنجاڭدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەسىلەن يەر تەۋرەش رايونلىرىدىكى خەلق ئۈچۈن 415 مىڭ ئۆي سېلىندى. بۇ يىلقى پىلاندا يەنە 500 مىڭى سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2 مىليون 280 مىڭ يېزا بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى، يېزا داۋالاش ساھەسىدىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى، دېھقانلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان تۆلەپ كېلىۋاتقان دېھقانچىلىق بېجى پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى" دەپ ماختاندى.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ دوكلاتى ھەققىدە زىياتىمىزنى قوبۇل قىلىغان سىدىق ھاجى روزى ۋە ئالىم سېيتوف ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن تەيۋەن، خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي رىقابەت
- ئىككى چوڭ يىغىن بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ناھايىتى ئېنىق
- خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا جەمئىيەتتە نېمە بولىۋاتىدۇ؟
- "خەلقنىڭ ۋەكىللىرى" يىغىن ئاچسىلا، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى باستۇرامدۇ؟
- ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى سىياسەتلەر چەتئەللەردە ئىنكاس قوزغىماقتا