0:00 / 0:00
21- ئاپرىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئەللىك يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلى خەلقىگە 10 ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
بىز مەزكۇر مەلۇماتقا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن بۇ ۋەدىسىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەمدە خەلق قانداق مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي ھەل بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قەدەر نامرات يېزىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بىر قانچە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.