يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قازاقىستان خەلق ئاسامبىلىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان . كۆپچىلىكە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىي رەھبەرلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتتە بولغان.
خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر قازاقىستانغا قاراتقان بىر ھەپتلىك سەپىرى جەريانىدا، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىي رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئالمۇتا ۋە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان .
ئىگىلىشىمىزچە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى مەدھىيىلەپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىن ئالاقە ئورنىتىشقا چاقىرغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىغىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قازاقىستان زىيارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شەردىنوف، مۇئاۋىن رەئىس ئازات ھەكىمبېگ ۋە ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ئابلىز ئابدۇللايېفلارنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر زىيارەت ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.