خىتاي دېموكراتى ۋۇ خۇڭدا بىلەن كان ۋەقەلىرى ھەققىدە توختالدى


2005.12.15

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، خىتايدا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان كۆمۈر كان ۋەقەلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خىتاي دېموكراتى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ئۆزىنىڭ 9 يىل كۆمۈر كاندا ئىشلىگەن مەزگىلىنى ئەسلەپ، خىتايدىكى كۆمۈر كان بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى،لېكىن ھىچ بىرزامان بۈگۈنكىدەك ھالەتكە يەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، " بۇنداق بولۇشى خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، ھەممىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تەلۋىلەرچە پايدا قوغلىشىۋاتقانلىقىدىن" دەپ كۆرسەتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى بۇ يىل 7 - ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ، گۇئاڭشى، سىچۇئەن، خېبېي، خېنەن، گۈيجۇ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلىرىدا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇ كاڭ ۋە شىخو قاتارلىق جايلىرىدا ئارقا -ئارقىدىن يۈز بەرگەن كان ۋەقەلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ، " ھازىرقى مەسىلە پەقەت تېخنىكىنىڭ ئارقىدا قېلىشى مەسىلىسى ئەمەس،بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتچان بولۇش ياكى بولماسلىق مەسىلە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ كۆمۈر كان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلالىغان بولاتتى. ئەپسۇسكى بۇ ھۆكۈمەت ھازىر پۈتۈنلەي چىرىكلىشىپ كەتتى " دەپ ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركانلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، ھازىر مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن، كۆمۈر كانىلارنى يېرىمى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدە بولۇپ، قالغان يېرىمى شەخسىلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىگىنى، لېكىن بۇ كۆمۈركانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەخسى كۆمۈركان مەسئۇللىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى كۆمۈركان مەسئۇللىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن نەقەدەر قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك دەل مۇشۇ خىل مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ، پاكىتلار بويىچە مۇنداق ئانالىز قىلدى:

" كان مەسىلىسىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئالدىڭىزغا تاشلاپ قويۇپ، 'مانا كۆرۈڭ، بىز كان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز، بىزنىڭ مۇنداق - مۇنداق بەلگىلىرىمىمىز بار. ئەگەر كىمكى بۇ بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنمايدىكەن، بىز ئۇنى قاتتىق جازالايمىز' دەپ ئۆزىنى ئاقلىشى مۇمكىن.لېكىن قارىماققا شۇنداقدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بولىۋاتقان ئىشلار ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. مەسىلەن بۇ يىل سەككىزىنچى ئايدا گۇئاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن داشىڭ كۆمۈر كان ۋەقەسىدە 123 ئادەم ئۆلدى. لېكىن بۇ كۆمۈر كان ۋەقە يۈز بېرىشتىن تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن " بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش گۇۋاھنامىسى " غا ئېرىشكەن ئىكەن. گۇۋاھنامىغا ئېرىشكەن بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ۋەقە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. لېكىن يەنىلا ۋەقە يۈز بەردى. دېمەك شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى كارخانا رەھبەرلىرى بىلەن كىنىشكە بېرىش ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرىۋالغان.ھازىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سايىسى پەقەت كۆمۈر كان ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى سودا سانائەت، پەن تېخنىكا، مائارىپ، قاتناش، قۇرۇلۇش قاتارلىق ھەممىلا ساھادە بولۇپ، ئۇلار پۈتۈنلەي پارىخورلۇق ۋە خىيانەت قىلىش ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەن.بولۇپمۇ كۆمۈر كان ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە خەلقنىڭ ھاياتى ئەزەلدىن ئەرزىمەس بىرنەرسە بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆز مەنپەئەتى ۋە ئۆزىگە كېلىدىغان پايدا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئىككىلەنمەي كۆمۈر كان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭ ئىشلاردىمۇ، خالىغانچە كىنىشكە تارقىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقان".

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.