خىتاي خەلقئارا مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا تۇرۇش لاياقىتىگە ئىگىمۇ؟


2007.10.09

army_blockage_200px.jpg
بېرما نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇشقا سېلىنغان ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرى. AFP Photo

خىتاينىڭ بېرما ۋەقەسىگە تۇنجى ئىنكاسى، ئىككى تەرەپنى مۇقىملىقنى قوغداشقا چاقىرىش بولدى؛ ئىككىنچى چاقىرىقى بولسا، ھۆكۈمەت ۋە نامايىشچىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرىش بولدى؛ ئەمدىلىكتە، بېرمىدىكى ۋەقەنىڭ بېرمىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە ب د ت نىڭ قول تىقماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بېرما مەسىلىسىدە ئويناۋاتقان سەلبىي رولى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك ئانالىز قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيىدىكى " تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى" نىڭ تەتقىقاتچىسى گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسىس بەرند بەرگەرنىڭ ئانالىزى ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

خىتاي 1999 ‏-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كوسوۋا مەسىلىسىگە ئارىلاشقاندا سىربىيەنىڭ مۇقىملقىنى تەكىتلەپ قارشى چىققان ئىدى. ئەينى يىللاردا ، ھىندونىزىيىنىڭ مۇقىملىقىنى تەكىتلەپ شەرقى تېمورنىڭ ھىندونىزىيىدىن ئايرىلىشىغا سالقىن قارىغان ئىدى ، بۇ يىل يىل بېشىدا يەنە، سۇداننىڭ "مۇقىملىق"ئىنى كۆزدە تۇتۇپ، دارفۇر مەسىلىسدە توسالغۇ پەيدا قىلغان ئىدى. مانا بۇ پاكىتلارنى نەزەردە تۇتقان بەرند بەرگەر، خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇقىملىقنىڭ بېرما خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بېرما ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئەمەس ، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت تەختىنىڭ مۇقىملىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامايىش قىلىش ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغانلىقمۇ؟

خىتاينىڭ بېرما ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرىشى ئەقىلغە ئۇيغۇن بىر چاقىرىق ، ئەمما نامايىشچىلارنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرىشى ئەجەبلىنەرلىك. چۈنكى قولىدا ھىچقانداق قورال بولمىغان نامايىشچىلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ ياكى نامايىش قىلغانلىقنىڭ ئۆزى، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغانلىقمۇ؟ بۇ تۈر سوئاللارغا بەرگەرنىڭ قەلىمىدىن مۇنداق جاۋاپ كېلىدۇ : " خىتاي بېرما مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ تار مەنپەئەتىنى كۆزلەۋاتىدۇ، بېرمىدا ھاكىمىيەت ئالمىشىپ كېتىپ قالسا، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغۇچى يېڭى دېموكراتىك ھاكىمىيەت بىلەن ئارىسىدا كېلىشەلمەسلىك يۇز بېرىشى، بۇ سەۋەپلىك خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى دەخلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن." يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بېرما مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنىڭ ئىقتىسادي ئەمەس، سىياسىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

بۇ خىل پىكىردىكىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي، ئافغانىستاندا ھەم ئىراقتا ھاكىمىيەت ئالماشقاندىمۇ ئىقتىسدىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قالالىغان؛ قوشنىسى بولغان بېرمىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ساقلاپ قالالشى خىتاي ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس ؛ خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەندىشىسى ، دېموكراتىك يول بىلەن ، بىر پارتىيىلىك دىكتاتور تۈزۈمگە خاتىمە بېرىش ئۈلگىسىنىڭ ئۆز بوسۇغۇسىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىدۇر. مانا بۇ خىل قاراشقا ئىگە بولغان بوشۇن تور بېتىنىڭ تەھرىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېرما ۋەقەسىدە باستۇرۇلغانلارنىڭ قاتىل شېرىكى دەپ ئەيىبلەيدۇ.

" ئىچكى ئىشقا ئارىلاشماسلىق" بىر باھانە

بېرما مەسىلىسىدىكى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرىدىن دۇنيا جامائەت پىكىرىدە پەيدا بولغان سۇغال: خىتاي خەلقارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئادىل مەيداندا تۇرۇش لاياقىتىگە ئىگىمۇ ئىگە ئەمەسمۇ؟ خىتاي دائىمىي ئەزا بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى خەلقئرا كىرىزىسلارنى توغرا ھەل قىلالامدۇ-يوق؟ مانا بۇ نۇقتىنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردە تۇتقان بەرند بەرگەر، "خىتاي بېرما بىلەن قوشنا بولغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس ئەڭ مۇھىمى ئۇ ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىيىشىگە ئەزا بولغىنى ئۈچۈن ، بېرما مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بار، خىتاينىڭ ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىنىڭ ئۆزىمۇ بىر تۈرلۈك ئارىلىشىش كى، بۇ بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىنى جاسارەتلەندۈرۈش دېمەكتۇر.

خىتاينىڭ " بېرمىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق" دېگىنىنى بىر باھانە دەپ قارىغان بەرگەر، ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى بېرمىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە، بېرما خەلقى خالىمىغان ھەربىي ھۆكۈمەتنى يىللاردىن بېرى يۆلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي ئەڭ ئاۋال ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك

ئەلۋەتتە خىتايدىكى سىياسىي ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ئۈچۈن، خىتاينىڭ بېرما مەسىلىسىدىكى پوزتسىيەسىنىڭ ھەيران قالىدىغان يېرى يوق،چۈنكى ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئادىل سىياسەت يۈرگۈزەلمىگەن بىر ھاكىمىيەت تاشقى دۇنيادا ئادالەتنىڭ يولباشچىسى بولالمايدۇ؛ ئەسلىدە ھەيران قالارلىقى، خىتايدىن بېرما مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئويناشنى كۈتۈشتۈر.

تېخى ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىيئەنمىن ۋەقەسىنى تانكا بىلەن باستۇرغان بىر ھاكىمىيەت بۈگۈن قوشنىسىدا يۇز بېرىۋاتقان ئوخشاش بىر مەسىلىنى قانداقمۇ تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرسۇن؟ ئەگەر چاقىرىش مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش كۈچى بولامدۇ؟ بەلكىم، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بۈگۈن، خىتايغا بېرما مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئېلىشتەك ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى يۈكلەش ئارقىلىق، ھىچ بولمىغاندا خىتاينىڭ بېرما مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا توسالغۇ بولماسلىقىنى كۈتىۋاتقان بولسا كېرەك.

ئەھۋال نىمە بولسا بولسۇن، خىتاينىڭ بېرما مەسىلىسىدىكى سەلبىي رولى، چەت'ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، يىللاردىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر رېئاللىقنى ئىسپاتلىدى: خىتاي بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمىگە خاتىمە بەرمەي تۇرۇپ؛ شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ ،خەلقارا مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا تۇرۇش لاياقىتى ھەم سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.