خىتاي قازاقىستاندا نېفىت مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھەرىكەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستاننىڭ مول ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ۋە باشقا تىجارەت ئىمتىيازلىرىنى سېتىۋېلىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە. قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە قازاقىستاندا 300 غا يېقىن قازاقىستان – خىتاي بىرلەشمە شىركەتلىرى تىجارەتتە بولماقتا.

قازاقىستاندا چىقىدىغان "ياش ئالاش" گېزىتىنىڭ 9 – يانۋاردىكى سانىدا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى نېفىت – گاز ساھەسىدىكى تەسىرى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.