گېرمانىيىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى سىياسىتى


2007-11-08
Share

گېرمانىيىنىڭ نۆۋەتتە ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئاسىيا رايونى ھەققىدىكى يېڭى ئىستراتېگىيىسىنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولغانلىقى، سىياسىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن تەكىتلەنمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى كلائەدىن ئەپەندى گېرمانىيىنىڭ يېڭى ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىدىن ئورۇن ئالغان خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئارىلىق ساقلىشى كېرەك، دېگەن باياناتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ باياناتى تۈرلۈك بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى گېرمانىيىنىڭ بۇ يېڭى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن ياۋرۇپادا مۇشۇ خىل ستراتىگىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلىك ئورنىدىن رىقابەتلەشكۈچى دۆلەتلىك دەرىجىسىگە ئۆزگەردى

خىتاي بىلەن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى كېلىشىمگە ئىگە بولغان گېرمانىيە دۆلىتى نىمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئىستراتېگىيىنى يولغا قويۇشنى لايىق تاپتى؟ خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلە زادى نىمە؟ دېگەن سوئاللار سىياسىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا تاشلاندى. مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى بەس - مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىمۇ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىلىم - پەن، سىياسەت ۋە ئىستىراخۇئانىيە ساھەسى بويىچە ياۋرۇ - ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى در. سەباستىئان بەرسىكك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.

در. سەباستىئان بەرسىكك ئەپەندى سۆزىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا بۇنداق بىر يېڭى ئىستراتېگىيىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا بولغان تەنقىدى مۇئامىلىسىنىڭ داۋامى ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلىك ئورنىدىن رىقابەتلەشكۈچى دۆلەتلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئاساسى سەۋەپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىنى بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار

ئەمما سىياسىي ئانالىزچىلار، گەرچە خىتاي 2007 - يىلىغا كەلگەندە دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندىكى ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن ۋە گېرمانىيىگە يېتىشىۋېلىشقا ئاز قالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە. ئەكسىچە ئۇلار مۇنداق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. 2005 - يىلىدىن بۇيان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىئاباۋ ۋە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنى گېرمانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە خەلقارا مۇخبىرلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەيىبلەپ كەلدى. 2007 - يىلى 10 - ئايدا خىتاينىڭ قايتا - قايتا نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، تىبەتنىڭ روھانى داھىسى دالاي لامانى مىنىستىرلار مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلغاندا خىتاي يولسىزلارچە قارشى تەدبىر قوللاندى. خىتاينىڭ ساختا تاۋارلىرىنىڭ ياۋرۇپا بازارلىرىغا ئېقىپ كىرىشى، يالغۇز گېرمانىيىگىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ گېرمانىيە تاۋارلىرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىشى ۋە تېخنىكا ئوغۇرلىشى سەۋەبىدىن گېرمانىيە يىلغا نەچچە ئون مىليونلاپ يوۋرو زىيان تارتىپ كەلدى. گېرمانىيە پۇقرالىرى بۇ جەھەتتە يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈپ كەلدى. بۇندىن باشقا خىتاينىڭ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىق بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار بولۇشى، ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقى، خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە قىلچىمۇ ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقى ۋە بەلكى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ بېرىشى ھەمدە خىتاينىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭ تەلەپ - ئىستەكلىرىگە قارىتا قۇلاق يوپۇرىۋېلىشى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەپلەر، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ئىستراتېگىيىنى بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇشى مۈمكىن.

گېرمانىيىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىي مەيدانى

در. سەباستىئان بەرسىكك ئەپەندى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ئاسىيا - تېنىچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ تېنچلىقىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ بىر جۈملە سۆز، خىتاي دائىرىلىرىدە "گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى" دېگەن ئىنكاسنى پەيدا قىلغان.

سىياسىي ئانالىزچىلار، گېرمانىيىنىڭ ئاسىيا - تېنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلانغان ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغان جۇڭگو بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا بىلەن قوغداشنى تىلغا ئېلىشى، گېرمانىيىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىي مەيدانىنى ئوچۇق - ئاشكارە ئىپادىلىدى، دەپ تەھلىل قىلىشماقتا. خىتاي تەرەپتىن كەلگەن ئىنكاسلاردا بولسا " گېرمانىيە دۇنيا تېنچلىقىنى بۇزۇۋاتقان ئامېرىكا بىلەن دۇنيا تېنچلىقىنى قوغدىماقچىمۇ؟" دېيىلگەن.

خىتاي ئەڭ زور تەھدىت

"خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارشى، گېرمانىيىنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيىسى" ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە در. سەباستىئان بەرسىكك ئەپەندى ئەينى يىللىرى گېرمانىيە ۋە فرانسىيىنىڭ خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلىۋاتقان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىپ، خىتاي بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى خالىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئەللەرنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ ئاسىيا - تېنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى سەۋەبىدىن، بۇ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.

در. سەباستىئان بەرسىكك ئەپەندىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنى، خىتاينىڭ ئاسىيا - تېنىچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولىۋاتقانلىقىنى گېرمانىيىنىڭ مانا ئەمدى رەسمى ئىتىراپ قىلغانلىقىدىن بىشارەت بېرىش بولسا كېرەك. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت