خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىلىش" ژۇرنىلى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە مىڭ يىللىق گىرەلىشىپ كەتكەن مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى مەۋجۇت. بۇددىزم ئەنئەنىلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، بۇ ئىكى دۆلەت ئۆزلىرىنى قېرىنداشتەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما تەبىئىي سۇ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە سۇ مەنبەلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت رىيال مەسىلىگە كەلگەندە، ئۆز - ئارا جەڭ قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەربىي ھالەتكە ئۆتىدۇ.
1962 - يىلىدىكى خىتاي -ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى، 2000 - يىلىدا خىتاي - ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى ھەربىي ھالەتكە ئۆتكەن ۋەقە قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى تەبىئىي ئېقىنلاردىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى زىددىيەت ئىدى. دېمەك بۇ ئىككى دۆلەت بەزىدە بىللە بەزمە تۈزۈپ مەشرەپ ئوينىسا، بەزىدە جەڭ قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزۈپ نەرە تارتىدۇ. خىتاي بىلەن ھىندىستان بۇيىل يەنە ئىستراتېگىيىلىك دوستلۇق جاكارلاشتى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە ھەرگىز يول قويۇشمايدىغان قىيىن مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ تەبىئىي سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش مەسىلىسى. ھىندىستان خەلقىنىڭ ھايات -ماماتلىقىغا بىۋاستە تاقىشىدىغان سۇ مەنبەسى مەسىلىسىدە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئىككى دۆلەت مۇرەسسەگە كېلىش مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىش قىيىن.
ھىندىستان پىلانلىغان چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا خىتاي قارشى تۇرىدۇ
"خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، تىبەتتىن ئېقىپ كېلىدىغان يالۇنزەمپو دەرياسى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىغا ئېقىپ كىرگەندىن شۇ رايوندىكى ئېقىنلار بىلەن قوشۇلۇپ ھاسىل بولىدىغان براھماپۇترا دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا، ھىندىستاننىڭ 11 مىليون كىلوۋاتلىق چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانى بار. ئەسلىي پىلان بويىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ قۇرۇلۇشى كەلگۈسى 25 يىل ئىچىدە پۈتىدۇ. ھىندىستان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئىسپاتلاش خىزمىتىنىمۇ ئورۇنلاپ بولدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى خىتاينىڭ سەنشيا بوغىزى قۇرۇلۇشىدىن قېلىشمايدۇ. ھىندىستان بۇنىڭدىن باشقا يەنە براخما پۇترا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا، دەريانىڭ باش ئېقىنىدا قۇرماقچى بولغان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قارىغاندا كۆلىمى بىر نەچچە ھەسسە چوڭ بىر سۇ ئامبىرى قۇرماقچى.
ھىندىستان گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئۆزىنىڭ سۇ قۇرۇلۇش پىلانلىرىدىن ئارۇناچال شتاتىدىكى مەدەنىي يادىكارلىق بولغان تىتوڭ ئىبادەتخانىسىغا ۋە شۇ رايوندىكى تەبئىي ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارغا خەتەر يېتىدىغان ياكى يەتمەيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلاش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەۋەلىكىدىكى چېگرىداش رايونلار غا دائىر ھەرخىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنىمۇ رەت قىلغان. شۇڭلاشقا ھىندىستاننىڭ بۇ چوڭ پىلان ھەققىدە ئاخىرقى قارار چىقىرىشى كۆپ يىل كېچىككەن. ئاخىرى ھىندىئىستان ئۆزى ھەرخىل يوللار بىلەن تەكرار- تەكرار ئىلمىي ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈپ قارار چىقارغاندىن كېيىن، بۇ پىلاننى 2003 - يىلى 12 - ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. دېمەك بۇ پىلان 2000 - يىلى خىتاي قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىككى تەرەپ چېگرا قىسىملىرى جىددىي ھەربىي ھالەتكە كىرگەن ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەقەدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. گەرچە ھىندىستاننىڭ پىلانىغا خىتاي ھازىرمۇ قەتئى قارشى تۇرىۋاتقان بولسىمۇ.
ھىندىستان پىلانلىغان سۇ ئامبىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تەبىئىي يانتۇ زېمىندا
"خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستان پىلانلىغان سۇ ئامبىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى خىتاينىڭ سەنشيا بوغىزىدەك تەكشىلىكتە ئەمەس بەلكى كۇئىنلۇن تاغ تىزمىلىرى ئېتىكىدىكى تەبئىي يانتۇ زېمىندە. ھىندىستاننىڭ بۇ چوڭ سۇ قۇرۇلۇشى پىلانلانغان رايونىنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى زېمىن، دەيدۇ، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ بۇ سۇ قۇرۇلۇشىدىن خىتاي زېمىنى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ، دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھىندىستاندىن بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىشنى، ھاسىل قىلىنىدىغان ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى ئازلىتىپ 5 مىليون كىلوۋاتقا چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
گەرچە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ سەنشيا بوغىزى قۇرۇلۇشى بۇغازغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا تاشقىن ئاپىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەكلىپلەرگە قۇلاق سالماي، پەقەت ماۋزېدۇڭنىڭ "سەنشيادا كۆرۈندى بىر بۈيۈك تەكشى كۆل" دېگەن بىر نەزمىسىگە ئاساسەن بېكىتكەن ئىدى. ھىندىستان پىلانلىغان سۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەبىي يانتۇ زېمىن. ئۇ رايوندا خىتاينىڭ سەنشيا بوغىزىدەك يەر تۈزۈلۈشى تەكشى زېمىن يوق. ھىندىستان خىتاي تەلەپ قىلغاندەك تەكشى زېمىننى نەدىن تاپىدۇ؟ بۇ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەردە سۆھبەت بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.
خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا خەلقئارالىق ئېقىنلاردىن پايدىلىنىش ھەققىدە كېلىشىم يوق
"خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا خەلقئارالىق ئېقىنلاردىن پايدىلىنىش ھەققىدە ئەزەلدىن بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان. شۇڭلاشقا تەبىي سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا پات - پاتلا زىددىيەت پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. 2000 -يىلى 6 - ئاينىڭ 11 -كۈنى تىبەتتىكى بىر سۇ ئامبىرىدا توغان يار كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى تەبىي يانتۇلۇقتا تاشقىننى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر زور سۇ ئامبىرى بولمىغانلىقتىن، تاشقىن بىۋاستە ھالدا ھىندىستانغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن. شۇ ۋاقىتتا خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا قىسىملىرى توساتتىنلا جىددىي ھەربىي ھالەتكە كىرگەن ئىدى. بۇ ۋەقەنى ھىندىستان مەتبۇئاتلىرى تەپسىلى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى يوشۇرغان ئىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)