ئامېرىكا پالاتا مەسلىھەتچىلىرى، خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى 1 ‏- دەرىجىلىك تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا‏-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى، تۈنۈگۈن يەنى 15 ‏- نويابىر كۈنى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي تېخنىكىسىدىكى يۈكسىلىشنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆلچىرىدىن كۆپ ئۈستۈن ۋە ئەندىشىلىنەرلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئامېرىكا تېخنولوگىيىسى ئۈچۈن 1 ‏- دەرىجىلىك تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى ھەم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنى، جاسۇسلۇققا قارشى خىزمەتكە كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن تېخنىكا ئوغرىلىشىنى توسۇشقا چاقىردى.

خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى سۈنئىي تەڭشەۋاتىدۇ

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ھىمايىسىدىكى شىركەتلىرى ئارقىلىق، ئامېرىكىدىن تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ئوغرىلاۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئۇچۇرنى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلات، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ، تېخنىكا ئوغرىلاشتا ۋاقىت ۋە پۇل سەرپىياتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق يولىنى تۇتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلات خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئۇرۇش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زىيادە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، 2006 ‏- يىل خىتاي ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇر تورىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ خاككېر ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت سىستېمىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر دوكلات يەنە، خىتاينىڭ 11 ‏- بەش يىللىق پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تېلېفون ئالاقە ئىشلىرى، قاتناش -ترانسىپورت ۋە ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ئون نەچچە خىل ساھەدىكى شىركەتلەرنى دۆلەت ئىگىلىكىدە باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىنى بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىدىن چەتنەش دەپ كۆرسەتكەن ھەم بۇنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىگەن.

دوكلات يەنە، خىتاينىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن بازارنىڭ بەلگىلىشىگە قويۇۋەتمەي، سۈنئىي تەڭشەۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ، خەلقئارا تىجارەتتە، ئادىل رىقابەت مۇھىتىغا دەخلى يەتكۈزۈپ خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمتىياز يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئۆز خەلقى ئىچىدە ئەجنەبىي دۈشمەنلىكىنى يېتىشتۈرىۋاتىدۇ

دوكلات يەنە، خىتاينىڭ كۆمۈر ئېنېرگىيە سانائىتىنى باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن مۇھىت كىرلىشىش مەسىلىسىنىڭ خىتايدىن ھالقىپ ئامېرىكىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە تىجارىتىدە، مەھسۇلاتنى باشقا دۆلەتلەردەك خەلقئارا بازاردىن سېتىۋالماي يەڭ ئىچى سودىسى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۇدان، بېرما، ئىران قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كىرلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا تىجارەتتە يولسىز پايدا قازىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى قامال قىلىۋېلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن پايدىلانغاندىن سىرت، باشقا دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىشىگە،، ساختا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا تاشقى دۇنيادىن تارقىتىلىۋاتقان رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى توسۇپ ئۆز خەلقىنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقىنى، ئوز خەلقىگە قارىتا پەقەت مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئەجنەبىي دۈشمەنلىكى ھېسسىياتىنى يىتىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلات يەنە، خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، خىتاي ‏-ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقى، ھىندىستاننىڭ ئاسىيا رايونىدىكى خىتاي تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىغا ئىگە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي -تەيۋەن ئۇرۇشسا ئامېرىكا چەتتە قالالمايدۇ

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى كۆزىتىش كومىتېتى، 2000 ‏- يىلى 30‏ - ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ ۋەزىپىسى، ئامېرىكا -خىتاي سودا- تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى داۋامىدا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ‏-ئۇچرىمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشتۇر.

خىزمەت ئۇسۇلى كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە دوكلات تەييارلاشتۇر. بۇ قېتىمقىسى بەشىنچى قېتىم ھازىرلانغان چوڭ ھەجىملىك دوكلات بولۇپ، كومىتېت ئەزالىرى بۇ دوكلاتنى ھازىرلاش ئۇچۇن، خىتاي، تەيۋەن ۋە ھىندىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان؛ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ئەمەلدارلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى قاتارلىق ھەر ساھەدىن مەلۇمات ئىگىلىگەن.، بۇ قېتىمقى دوكلات، كومىتېتىدىكى ھەر ئىككى پارتىيىگە تەۋە ئەزالارنىڭ بىردەك ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دوكلات، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەھدىتى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

دوكلاتتىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، خىتاي- تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرسە، ئامېرىكىنىڭ بۇ توقۇنۇشنىڭ سىرتىدا قالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، تەيۋەنگە قارىتا ھەربي ياردىمىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۇچ تەڭپۇڭلۇقىنى شەكىللەندۈرۈشكە چاقىرىشىدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)