خىتايلار ئوتتۇرا ئاسىياغا چوڭقۇرلاپ كىرمەكتە


2007.01.19

xitay-ottura-asyagha-qarap-.jpg
ئىستراتېگىيە گېزىتىنىڭ مەزكۇر ماقالە بېسىلغان بېتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بىلەن جۇمھۇرىيەت گېزىتى ئورتاقلىشىپ چىقىرىۋاتقان ھەپتىلىك ئىستراتېگىيە گېزىتىنىڭ 15-چېسلادىكى سانىدا "بېيجىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە" تېمىلىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئائىنۇر نوگايېۋا خانىم يازغان بولۇپ، ماقالىنىڭ باش ئابزاسىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە توختامنامىلار تۈزۈشى ھەرخىل كۆز قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا. توختامنامىلار، ئاستانىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن خەۋپسىزلىككە تەھدىت، دەپ قارالماقتا. بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا چوڭقۇرلاپ كىرىشى موسكۋانىمۇ بىئارام قىلىشى مۇمكىن.

بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ماقالىنىڭ ئاپتورى ئائىنۇر نوگايەۋا خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

- ھۆرمەتلىك ئائىنۇر نوگايەۋا خانىم سىز ماقالىڭىزدا قازاق-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلۇپسىز، ئالدى بىلەن قازاق- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

- قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېزلا تەرەققى قىلدى. مۇستەقىل بولغاندىن بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا 160 تىن كۆپ توختامنامىگە قول قويۇلدى. 2005-يىلى خىتاي رەئىس جۇمھۇرى خۇ جىنتاۋ قازاقىستانغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق توختامنامىسىغا قول قويۇلدى. بۇنىڭدا 21-ئەسىردە خىتاي بىلەن قايسى جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلىنىپ چىقتى. قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن سىياسى ئىقتىسادىي ۋە تىجارى مۇناسىۋەتتىن باشقا يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك. 2006-يىلىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 6 مىليارد دوللارنى ئاشقان. خىتايلار 2007- يىلىنى قازاقىستان يىلى دەپ ئېلان قىلدى. بىزنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇزۇن چېگرىمىز بار. شۇڭا قازاقىستاننى خىتاي بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. رفا: ھۆرمەتلىك ئائىنۇر نوگايەۋا خانىم، سىز دەپ ئۆتكەندەك قازاق-خىتاي مۇناسىۋىتى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ئارقا باغچىسى، قازاقىستان ئامېرىكا ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قازاقىستان خىتايلارغا بەكلا يېقىنلىشىپ كەتكەن تەقدىردە يۇقۇرىقى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن بىئارام بولمامدۇ؟

11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە جەھەتتىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت مەيدانىغا ئايلاندى. ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي دۆلەتلىرىدىن باشقا تۈركىيە، ئىران، ياپونىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاھىدە قىزىقماقتا. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ھەم پايدىلىق ھەمدە پايدىسىز. پايدىسىز تەرىپى، بۇ چوڭ دۆلەتلەر بۇ رايوندىن پايدا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. پايدىلىق تەرىپى بولسا بىر چوڭ دۆلەتكە باغلىنىپ قالماي تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ قېلىش. بۇ سەۋەبتىن قازاقىستان ھازىر كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. بىر دۆلەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىش قازاقىستانغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئېنېرگىيە جەھەتتىن پەقەتلا رۇسىيىگە باغلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. قازاقىستاننىڭ نېفىت تىجارىتىدە 28% پايغا ئىگە بولغان خىتاي، تېخىمۇ كۆپ پايغا ئىگە بولۇشنى خالايدۇ. ئەمما قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشىنى بىر خەۋپ دەپ قارايدۇ. چۈنكى خىتايلار پەقەتلا قازاقىستان ئۈچۈن ئەمەس پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن بىر خەۋپتۇر. مەسىلەن، بۇ قېتىم رۇسىيە چەتئەللىك ئىشچىلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن يېڭى بىر قانۇن چىقاردى. بۇ قانۇننى چىقىرىشتىكى مەقسەتمۇ خىتاي ئىشچىلارنىڭ رۇسىيىگە ئېقىپ كېلىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى ھازىر رۇسىيىدىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن. خىتاينىڭ يېيىلىش سىياسىتى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. خىتاي دۇنيادىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت. شۇڭا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېھتىياجى بار، ئەمما بۇ دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ يېيىلمىچىلىق سىياسىتىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن.

- ھۆرمەتلىك ئائىنۇر نوگايەۋا خانىم، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا قازاقىستاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى كېرىم مەسۇموۋنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە خىتايدا ئوقۇغان كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى بىلەن قازاقىستاننىڭ خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى يېزىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

- مەتبۇئاتلاردا كېرىم مەسۈموۋنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يېزىلدى. قازاق ھۆكۈمىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ قازاقىستاننىڭ خىتاي سىياسىتى بىلەن مەنچە مۇناسىۋىتى يوق. قازاقىستان دۆلەت باشلىقى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خەلققە قىلغان نۇتقىدا سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. باش مىنىستىرنىڭ ئالماشتۇرۇلىشى بۇنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمەن. كېرىم ماسۇموۋ قازاقىستاندا ئىسلاھاتچى دەپ بىلىنگەن بىر كىشى، قازاقىستاننى دۇنيادىكى 50 چوڭ ئىقتىسادقا ئىگە دۆلەتنىڭ قاتارىغا قوشۇش ئىش پىلانىنى يازغان كىشىلەردىن بىرى. شۇڭا ئۇنى بۇ سەۋەپتىن باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى، دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە بىر كىشى قايسى دۆلەتتە ئوقۇغان بولسا ئۇ دۆلەت تەرەپتارى سىياسەت يۈرگۈزۈدۇ. بەزى مەتبۇئاتلاردا كېرىم مەسۈموۋنىڭ خىتايپەرەس ئىكەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

- ھۆرمەتلىك ئائىنۇر خانىم، خىتايلار بىر تەرەپتىن قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى دەپ باستۇرىۋاتىدۇ، خىتايلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قوللشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

- بۇ ناھايىتى قېيىن بىر سۇئال. بىر تەرەپتە قوشنا دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسى بار، يەنە بىر تەرەپتە قېرىنداش بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى بار. شۇڭا بۇ تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش بەكلا قېيىن. سىزگىمۇ مەلۇم قازاقىستان 2009-يىلىدا ئاگىت يەنى ياۋروپا بىخەتەرلىك كونسېيى باشلىقلىقىغا نامزات بولدى. ئەگەر سايلىنالىسا قازاقىستان ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە جەھەتتىن كۆپ ئىلگىرىلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ھەم يېڭى باش مىنىستىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىمۇ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.