" خىتاي، رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا بېسىپ كىرەمدۇ ؟ "


2008.03.07

خىتاينىڭ يالغۇز پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، گەرچە بۇ نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتېيى داۋامىدا نوپۇزلۇق ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل " ياش ئالاش گېزىتى" دە " نارىن قۇللۇقلارنىڭ چۈشىگە قارا خىتاي كىرىدىغان بولدى"ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق مەقسەتلىرى ئۈچۈن تۈزۈلۈۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مەزكۈر ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا تەييارلىغان پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.