پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز، خىتايدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋلار بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا- ئىقتىسادى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئاساسى تېما قىلىپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆھبەت تېمىسىدىكى ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىق، خىتاي - پاكىستان ھەربىي مۇناسىۋىتى شۇنداقلا كەشمىر ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىككى تەرەپنىڭ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىق چاقىرىقى، خەلقئارا مەتبۇئاتلار شۇنداقلا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دۆلەت تەۋەلىكىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان بىلەن خىتاي تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئەسەبىيلىك شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىكنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شاۋكەت ئەزىز بىلەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن خۇ جىنتاۋ "تېرورچىلىق رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت، شۇنداقلا خىتاي بلەن پاكىستان تېرورچىلىقنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر." دېدى
پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى
پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرىنى ئەنسىرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . بولۇپمۇ پاكىستاندىكى مۇسۇلمان پىدائىلارنىڭ بۇ يىل 10 - ئايدا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژىنىرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. پاكىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى خىتاي ئىنژىنىرلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسۇلمان پىدائىيلار قوماندانى ئابدۇللا مەسئۇدنى تۇتۇپ بەرگەن ياكى ئۆلۈكىنى ئەكەلگەنلەرگە 80 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېلانى، پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگە توغرا كەلگەن. پەيشەنبە كۈنكى ئۇچرىشىشتا ئىسلامئابادنىڭ پاكىستاندىكى خىتايلارنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ماختىغان خۇ جىنتاۋ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شۇنداقلا خىتاي ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا ئالغان مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.
پاكىستان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغان
پاكىستان 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى غەربىي- جەنۇبىي ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونى ئىدى . بىراق، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پاكىستاندىكى پائالىيىتىگە قارىتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلدى.
پاكىستان ھۆكۈمىتى مەمەت توختى، ئابدۇۋاھاپ توختى، ئىسمايىل قادىر قاتارلىق كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شۇنداقلا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتايغا قايتۇرۇلغان مۇساپىرلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى
پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز، خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئەسكەرتىپ، پاكىستان تېرىتورىيىسىدە چەتئەل دۆلەتلىرىگە قارشى تېرورلۇق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ، " پاكىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىمىز" دەپ كۆرسەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ پاكىستانغا بارغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
ھەربىي ھەمكارلىق
پاكىستاندا چىقىدىغان "مىللەت" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاۋكەت ئەزىزنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىگىمۇ چېتىلغان.
شاۋكەت ئەزىز خەلق سارىيىدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ساۋ گۇئاڭچۈئەن، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي پاكىستاننى يادرو قوراللار تېخنىكىسى شۇنداقلا نازۇك تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت. پاكىستان بىلەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قولىدىكى JF-17 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىلغان. ئامېرىكا خىتاينى پاكىستانغا نازۇك تېخنىكىلىك قوراللارنى ساتماسلىق ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويغان.
ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە تەسىرى
بېيجىڭنىڭ ئىسلامئاباد بىلەن بولغان ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە توسالغۇ پەيدا قىلغان ئىدى. ھىندىستان خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. بىراق شاۋكەت ئەزىز، چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، " بىز جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئەنئەنىۋى قوراللار ياكى يادرو قوراللار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىشنى خالىمايمىز،" دەپ تەكىتلىگەن. پاكىستان تۇنجى قېتىم 1998 - يىلى يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. پاكىستاننىڭ يادرو قوراللار پىلانى خىتاينلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. نەتىجىدە بۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قوراللار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
"ئىككى خىل ئۆلچەم"
ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى پائالىيىتىنى تېررورچىلىق بىلەن پاراللىل ئورۇنغا قويغان پاكىستان، كەشمىرلىكلەرنىڭ ھىندىستانغا قارشى قوراللىق ھەرىكىتىنى قوللىماقتا. شاۋكەت ئەزىز چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتىتىدا قىلغان سۆزىدە، كەشمىر مەسىلىسى كەشمىر خەلقىنىڭ ئاساسى ھوقۇقىغا تاقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاكىستان باش مىنىستىرى خىتايدىكى سەپىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شاڭخەينى زىيارەت قىلىپ، شاڭخەيدىكى خىتاي سودا- سانائەتچىلىرىگە سۆز قىلغان. شۇنداقلا شاڭخەيدىكى پاكىستان كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.