خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى سىياسى كرىزىسنى دىققەت بىلەن كۈزەتمەكتە


2005.03.24

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئاخبارات ساھەسى، ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشچىلار قىرغىزىستان پرېزدېنت سارىيىنى شۇنداقلا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئورگانلارنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىنكى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتىكەن.

ئۆكتىچىلەر، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تانايېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاننىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى مۇقىملىقى پۈتۈن رايوننىڭ تىنچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، قىرغىزىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇقىملىقنى ساقلاشقا چاقىرغان. ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلان قىلغان ليۇ جيەنچاۋ، " بىز قىرغىزىستان ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز قىرغىزىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ قىرغىزىستان خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق،" دەپ تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئەيىبلەنگەن

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدا قىرغىزىستاندىكى سىياسى كرىزىسنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئېلىپ بارغان سۈيقەستىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتكەن. خىتايدا چىقىدىغان "يەر شارى ۋاقتى گېزىتى"، " ئۆتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى پىلانلىغان ئاتالمىش بۇ ئىنقىلابنى توسۇش كېرەك،" دەپ يازغان.

"جاڭنەن ۋاقتى گېزىت"، "ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەرىكىتىنىڭ مەقسىدى رۇسىيە بىلەن جوڭگونى چەكلەش،" دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئەرەلى، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى كرىزىسكە ئارلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ، "ئامېرىكا بۇ ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئەمەس، بىز خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوخشاشلا قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى شۇنداقلا دېموكراتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يىلتىز تارتىشىغا قىزىقىمىز. مەقسىتىمىز ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقئارا ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىرغىز خەلقىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش،" دەپ كۆرسەتتى.

ئادام ئەرەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقيېۋنىڭ ھازىر قەيەردىلىكىنى بىلمەيدىكەن. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئامما يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئاقيېۋنىڭ بېشكەك ئەتراپىدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىغا كىرىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئادام ئەرەلى، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرنىزنىڭ پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت ئاقايېۋنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئالېكبەگ جەكشەنقۇلوۋ بىلەن ئۇچرۇشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا: زوراۋانلىق توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىشقا چاقىرىۋاتىمىز

ئادام ئەرەلىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە ئۈندىمەكتىكەن. ئەرەلى مۇنداق دېدى: " بىز ب د ت، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى دوستلىرىمىز بىلەن بىللە، قىرغىزىستاندىكى ھەر ئىككىلا تەرەپنى زوراۋانلىق توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىشقا شۇنداقلا مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىۋاتىمىز."

ئادام ئەرەلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى پېتېرلېي، قىرغزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى باقىيېۋ ۋە فىلىكىس قۇلوۋلار بىلەن كۆرۈشمەكتىكەن. ئۇ، بېشكەكتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ پېتېرلىي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چىگرىلىنىدىغان قىرغىزىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم دۆلەت. خوڭكوڭدا چىقىدىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى "ۋېن خۇي گېزىتى"، "ئەگەر قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يىقىلسا، قىرغىزىستاننىڭ داۋاملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا قېپ - قېلىش مەسىلىسى گۇمانلىق بولۇپ قالىدۇ،" دەپ يازدى.

ئامېرىكا سېيراكۇز ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىلىچ قاناتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى قىرغىزىستان بىلەن خىتاي مۇناسۋىتى ئاقايېۋ دەۋرىدىكىدەك بولمايدىكەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايوندىكى ئامېرىكا تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى قۇرۇلغان بولۇپ، قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى. بېيجىڭغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان "ۋېن خۇي گېزىتى"، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.