خىتاي مەتبۇئاتلىرى، قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلىرى چېگرىداش بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇ رايونىدا ئىزچىل تۈردە بۆلگۈنچىلىك قالايمىقانچىلىقلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

بېيجىڭدا چىقىدىغان "ۋىن خۇي" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسدا ئېيتىلىشىچە، ئەگەر قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلسا، مەزكۇر دۆلەت شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزالىق سالاھىتىنى ساقلاپ قالالمايدىكەن.

ماقالىدا يەنە، "ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىنتايىن چوڭ رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندا بىر قورغان قۇرۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى" تەكىتلەنگەن. (قانات)