خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى
2005.06.30

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 30-ئىيۇن كۈنى موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، رەسمى دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى. خۇ جىنتاۋ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى شۇنىڭدەك خەلقارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، خۇ جىنتاۋ ئۆز سۆزىدە رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزارا ئىشەنچىلىرىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ ئىككى مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن بەلكى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سودا-ئىقتىساد، يۇقىرى تېخنولوگىيە، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەردە ئۆزارا بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىرى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى "21-ئەسىردىكى خەلقارا تەرتىپ بويىچە بىرلەشمە باياننامە" دەپ ئاتالغان بىرلەشمە باياناتقا قول قويدى. مەزكۇر بىرلەشمە باياننامە ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزارا كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەتلىرى، خەلقارا مەسىلىلەر ۋە دۇنيا تەرتىپىگە بولغان ئورتاق كۆز قاراشلىرى قاتارلىقلارنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
سودا-ئىقتىساد ۋە يۇقىرى تېخنىكا مۇناسىۋەتلىرى
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت يەنىلا پۇقتا ئاساسقا ئىگە ئەمەس …… ئۇلار ھېچقاچان ھەقىقى يوسۇندا بىرلىشەلمەيدۇ ھەمدە ھەقىقى ئىتتىپاقداشلارغا ئايلىنالمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئېنېرگىيە ۋە سودا –ئىقتىسادىي ساھە بويىچە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە نېفىتلىرىگە ئېرىشىشنى مۇھىم كۈن تەرتىپىگە قويغان بولغاچقا، مەزكۇر تېما ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. خىتاي رەھبەرلىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى نېفىت تۇرۇبا يولى داچىڭ –ئانگارسكىي قۇرۇلۇشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. بىراق، رۇسىيە بۇنىڭغا قوشۇلماي، پەقەت خىتايغا تۆمۈر يول ئارقىلىقلا نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ خىتاينىڭ ئېھتىياجىدىن خېلى يىراق ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي سىياسىيونى دوكتور ساۋ چاڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ نېفىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىندا رۇسىيە ياپونىيە بىلەن تۈزگەن ئانگارسىكي-ناخودكا نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويغان. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى بۇ يىل 20 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، خۇ جىنتاۋ ئىككى مەملىكەت سودىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىققا ۋەدە بېرىپ، ئۇنى 2010-يىلىغا يەتكەندە 80 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى بىلدۈرگەن.
ھازىر رۇسىيە خىتاينىڭ ئالاقە، ئېلېكترون سايمانلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل قاتارلىق تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن مۇھىم بازارغا ئايلانغان بولۇپ، رۇسىيىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە باشقىلارغا كېرەك بولغان ئۈسكۈنىلەر، ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى ۋە باشقا تۈردىكى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى پەن تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ھەربىي قوراللار تېخنىكىسى بولۇپ، رۇسىيە نۆۋەتتە خىتايغا ئەڭ زور قورال-ياراق ساتىدىغان مەملىكەتتۇر.
ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر
رۇسىيە بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز ئۇچرىشىشلىرىدا يەن ئىككى مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى، ئۆزارا بېرىپ-كېلىش، ساياھەت ۋە باشقا ئاممىۋى خاراكتېرلىق مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى مەملىكەت يەنە 2005-2008-يىللىرىدا خىتايدا رۇس تىلى، رۇسىيىدە خىتاي تىلىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش بويىچە بىر كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيىدە خىتاي مەدەنىيەت ۋە ئىلىم –پەن مەركىزى شۇنىڭدەك خىتايدا رۇسىيە مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇش پىلانى بويىچە كېلىشىمگىمۇ قول قويۇشقا تەييارلانغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنى
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرگە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ. شاڭخەي ئالتە دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا يەنە شۇ كونا تېما تېررورىزىم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەتچىلىكلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ساۋ ھاڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتىكى سەۋەب ئىككى ئىستراتېگىيىلىك مەقسەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، بىرى ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇش، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش.
خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە، بۇ جايلاردا غەربپەرەس ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدەك مۇھىم بىر ئۆزگىرىشكە توغرا كەلدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ يىقىلىشى خىتايغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاممىۋى ھەرىكەتلەرگىمۇ دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىسلام كېرىموفنىڭ بارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قەتىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن بۇ خىل دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەر شۇنىڭدەك خەلقنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە نىسبەتەن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەيدانى بىردەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنى چەكلەيدۇ. شۇڭا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىجاندىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈش ھەققىدە كېرىموفنى تەنقىد قىلىشىغا قارشى پوزىتسىيىدە بولغان ئىدى.
شۇڭا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇنھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. "بىراق" دەيدۇ- خىتاي سىياسىيونى ساۋ چاڭچىڭ " رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت يەنىلا پۇقتا ئاساسقا ئىگە ئەمەس بولۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي سىياسىي ۋە جەمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ چوڭقۇر توقۇنۇشقا ئىگە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇلار ھېچقاچان ھەقىقى يوسۇندا بىرلىشەلمەيدۇ ھەمدە ھەقىقى ئىتتىپاقداشلارغا ئايلىنالمايدۇ". (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قەيەرگە بارىدۇ؟
- خۇ جىنتاۋ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى رۇسىيىدە زىيارەتتە بولماقچى
- رۇسىيە-خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچراشتى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ
- خىتاي ۋە رۇسىيە كېلەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە كىلەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى
- رۇسىيە-خىتاي چېگرا مەسىلىسى ۋە پۇتىننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى
- پۇتىننىڭ زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى