رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلار

0:00 / 0:00
RUSSIA-LI-LAVROV-47.jpg
2005-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگەي لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ۋلادىۋوستوكتا. رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۇ يەردە ئۇچرىشىپ، رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىق ۋە سودا ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. AFP

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي - رۇسىيە سىياسى ۋە سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى 2006 - يىلنى خىتاي بويىچە "رۇسىيە يىلى" قىلىپ بېكىتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى مەملىكەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بىراق، غەرب مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلاردا بولماقتا.

يېقىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇلار ئىلگىرىدىن تارتىپ توقۇنۇشلار نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغاندىن سىرت يەنە تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. ھەتتا ئۆتكەن يىلى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئىككى مەملىكەت رەھبىرى " 21-ئەسىردىكى دۇنيا تەرتىپى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات " ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. قىسقىسى خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى مەدھىيىلەشتى.

خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ خىل تەرەققىياتى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىستىقبالى كۆزەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت.

ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، رۇسىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدىكى يېقىنقى ئەڭ زور نەتىجە ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدۇر. ئامېرىكىدىكى جوھن ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى داۋىد ساتتېرا مەزكۇر نۇقتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى ھېسابلىنىدىغان ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى، بىراق، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ مانېۋىرنىڭ ھېچ قايسى دۆلەتكە تەھدىد سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، كۆپىنچە ئانالىزچىلار، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا نىسبەتەن كونتروللۇق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت دەپ قارىماقتا.

داۋىد ساتتېرانىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى قول قويغان " 21-ئەسىردىكى دۇنيا تەرتىپى ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات"مۇ ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئورتاق مەنپەئەتلىرى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزارا بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىش ھەمدە بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى ئورتاق خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام فۇندامېتالىزىمىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئۇلار يەنە غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشىمۇ ئوخشاشلا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدۇ دەپ قاراپ، ئۆز چېگرىلىرىنىڭ يېنىدا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ.

رۇسىيىنىڭ مەقسىتى ش ئا ئو ئە ت غا تاقابىل تۇرۇش، خىتاينىڭ مەقسىتى ئېنېرگىيە

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇنداق قويۇقلاشتۇرىشىدا ئۇلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىدىن باشقا يەنە ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى مەۋجۇتتۇر. ئامېرىكىدىكى كاتون ئىنىستىتۇتىنىڭ تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى جاستىن لوگاننىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ش ئا ئو ئە ت ( شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ شەرققە كېڭىيىشىدىن داۋاملىق نارازى بولۇپ كەلمەكتە. رۇسىيە ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىنىڭ ش ئا ئو ئە ت غا كىرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولماقتا. دېمەك، رۇسىيە غەربكە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەنە باشقا تاللىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان.

خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن كۆزلىگەن مەقسىتى باشقىچە بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى نەزەرگە ئېلىپ، رۇسىيىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان. ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ھەربىي قۇدرىتىنى نامايىش قىلىپ، تەيۋەن ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارلىق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بەرمەكچى بولغان.

جاستىن لوگان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە يەنە ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ھىندىستان، پاكىستان، ئىران ۋە موڭغۇلىيىگە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان مەزكۇر تۆت چوڭ يادرو دۆلىتى بىر يەرگە جەم بولدى. ئەمما، خىتاي بىلەن رۇسىيە قانچىلىك تىرىشسۇن بەرىبىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستىقبالى يوق.

رۇسىيە -خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى يوق

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەت تارىخىغا نەزەر سالغاندا، ئۇلارنىڭ ھېچقاچان ئۇزۇنغا سوزۇلغان، مۇقىم دوستلۇق ۋە ھەقىقىي ھەمكارلىقى بولغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى باشتىن ئاخىرى مەلۇم مەنپەئەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ ئانالىزچىسى ئىلان بېرمان ئەپەندىنىڭ تەھلىللىرىگە ئاساسلانغاندا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەر قاچانلا ئۇنچىلىك سىلىق-سىپايە بولغان ئەمەس، ئۇلار ئارىسىدا ھامان بىر دۈشمەنلىشىش قايتا مەيدانغا كېلىدۇ.

ئىلان بېرمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى مۇنداق شەرھلەيدۇ ؛ بىرىنچىدىن, خىتاينىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تېز ئۆسۈۋاتىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىمۇ كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئۇلار پەقەت بۇ ئېھتىياجنى بېيجىڭنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدىن ھەل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، دېمەك، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە رايونىدىكى مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىشى خىتايغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئوخشاشلا بۇ رايونلاردا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش رۇسىيە ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر. شۇڭا, بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايەن قىلىدۇ، سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىشكە ئىنتىلىدۇ. مانا بۇ ئالدى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەس بەلكى رىقابەتنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىلان بېرماننىڭ قارىشىچە، ھەر خىل مەنپەئەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن دۆلەتلەردىن باشقىلارغا تەھدىد سالالىغىدەك كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىتتىپاق قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا, رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئىستىقبالى يوق.

رۇسىيە مۇلاھىزىچىلىرىمۇ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەقىقىي ھەمكارلىق بولمايدىغانلىقلىرىنى كۆپ قېتىم كۆرسەتكەن بولۇپ، رۇسىيە ئالىمى كۇماچېۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي رۇسىيىنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، رۇسىيە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىگە زىيانلىق ئېلېمېنتلارنى ئېلىپ كەلگەن. (ئۈمىدۋار)