خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟


2006-03-27
Share

2006-يىلى 21-مارت كۈنى، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن . AFP

3-ئاينىڭ 21 - 22 - كۈنلىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە يىلى پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى.

پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۇش بىلەن مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ۋە رۇسىيە ئالىي رەھبەرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي، سودا- ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، مەدەنىي مائارىپ ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق ۋەزىيەت شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر بويىچە ھەمكارلىق نىشانىنى بەلگىلىدى. بۇ قېتىم يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە 29 كېلىشىم خاراكتېرلىق ھۆججەتكە قول قويۇلغان. خىتاي تەرەپ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى قۇرۇپ، رۇسىيە نېفىتىنى خىتايغا توشۇش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۇتىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە شۇنىڭدەك رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە رازىلىق بىلدۈرگەن.

ھەربىي ھەمكارلىق يەنىلا مۇھىم نۇقتىدۇر

خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولمىغان چېگرا مەسىلىسىنىڭ ئاخىرى تامام بولغانلىقى، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىش بىلەن ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ يىلدىن –يىلغا ئېشىۋاتقانلىقى، ھەربىي ھەمكارلىقلارنىڭمۇ قويۇقلىشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاھسىڭتوندىكى جونس خوپكىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى دەيۋىد ساتتېر رۇسىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەن يىلىدىكى ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى تىلغا ئېلىپ، رۇسىيىنىڭ بۇ مانېۋىردا خىتايغا ساتماقچى بولغان ئىلغار قوراللىرىنى نامايىش قىلغانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ TU-22 تىپلىق ئايروپىلانلارنى تەيۋەن بىلەن ئۇرۇش پارتلاپ قالسا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىدىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تۈپ مەقسىدىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، بۇ رايوندا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەسىرىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دەيۋىد ساتتېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا، ھەربىي مانېۋىرلەرنىڭ ئۆتكۈزىلىشىدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەتنىڭ 21-ئەسىردىكى دۇنيا تەرتىپى باياناتىغا ئىمزا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر باياناتتا بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ جاھاندىكى كۈچلەر تەقسىماتىنى ئۆز پايدىسىغا مۇۋاپىق ھالدا ھەل قىلىش نىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاي غەربنىڭ دېموكراتىيىسىدىن قورقىدۇ

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىسلام فۇندامېنتالىزىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىشىدىن قورقىدۇ شۇنىڭدەك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان ئامىل دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆز چېگرىلىرىنىڭ يېنىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ.

رۇسىيە بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭ ۋە ياكى موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلىرىدا ھېچقاچان دېموكراتىيە مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە سۆزلەشكەن ئەمەس.

دەيۋىد ساتتېر دەيدۇكى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىسلام فۇندامېنتالىزىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىشىدىن قورقىدۇ شۇنىڭدەك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان ئامىل دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆز چېگرىلىرىنىڭ يېنىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ.

يەنە بىر ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى ۋاشىنگتوندىكى كاتو ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەھلىلچىسى جاستىن لوگاننىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ن ئا ت ئو نىڭ كېڭىيىشىدىن ھەم قورقىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئىنقىلاب شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتلەرنىڭ ناتو غا كىرىشكە تىرىشىشى رۇسىيىنى ئەندىشىگە سالغان.

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى جاستىن لوگاننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆسۈۋاتقان ئىقتىسادىي رۇسىيىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىغا مۇھتاجدۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنى مانېۋىرلار ئارقىلىق نامايىش قىلىپ، مۇستەقىللىققە ئىنتىلىۋاتقان جەنۇبتىكى تەيۋەن، غەربتىكى ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قولىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

بۇ قېتىمقى رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە باياناتىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۈملىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى قارىشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر جۈملىدىن ھىندىستان، ئىران ۋە پاكىستانلارنىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق يادرو قوراللىرىغا ئىگە قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ ئايرىم بىر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەيلى قانچىلىك تېز تەرەققى قىلسۇن، ئىككى دۆلەت سىياسەتچىلىرى ئۆز مۇناسىۋەتلىرىگە قانچىلىك يۇقىرى باھا بەرسۇن، ئەمما، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يەنىلا يوشۇرۇن رىقابەت مەۋجۇت.

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىدىكى ئىلان بەرماننىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز راۋاجلانماقتا ۋە ئۇ تەرەققىياتنىڭ داۋاملىشىشىنى تەمىنلەش ئۈچۈن تاشقىرىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە مۇھتاج. بۇ مەنبەلەرنىڭ كۆپىنچىسى بېيجىڭنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، دېمەك، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ نېرىسىدىكى كاۋكازغا ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرى شۇ رايوندىكى رۇسىيە مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇشقا باشلايدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا سىياسىي تەسىر ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرمەكچى، مانا بۇ تەرەپ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىغا ھەمكارلىق ئەمەس بەلكى، رىقابەت ئېلىپ كېلىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانىنىڭ غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت ھەم بۇ مەنپەئەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلارمۇ بار. ئامېرىكا كۆزەتكۈچىسى ئىلان بەرماننىڭ پەرەز قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ ئۆزارا قارمۇ –قارشى مەنپەئەتلىرىگە ئىگە بولۇشى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا تەھدىد بولالايدىغان كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىتتىپاقنى ساقلاپ قېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتايغا تۇرۇبا ئارقىلىق تەبىئىي گاز بېرىشكە ماقۇللۇق بىلدۈرىشىنى، ئۇنىڭ خىتاينى دەستەك قىلىپ، رۇسىيە تەبىئىي گازىغا مۇھتاجلىقى بار غەرب دۆلەتلىرىنى رۇسىيىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان، بۇ پۇتىننىڭ بىر سىياسىي ئويۇنى خالاس دېمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت