خىتاي پۇقرالىرى سىياسەتتىن سوۋۇۋاتامدۇ؟
2007.10.23
17 -قۇرۇلتاي داۋامىدا، بېيجىڭ خەلقى ئارىسىدا رايى سىناش ئېلىپ بارغان، چەتئەل ئاخباراتچىلىرى، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىۋاتقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن، نورمال شەھەر پۇقرالىرىنىڭ سىياسەتكە قىزىقىشى ئارىسىدا چوڭ پەرق بارلىقىنى، نورمال خەلىقتە سىياسەتتىن سوۋۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ سوۋۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى خىتاي پۇقرالىرى ھەر خىل چۈشەندۈرگەن.
خىتاي خەلقى ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىلا سىياسەتتىن سوۋۇپ كەتكەن
گۇيجۇدا ياشاۋاتقان ياڭ پەمىلىلىك بىر پۇقرانىڭ بىلدۈرۈشىچە،، بۈگۈن راستىنلا، خەلىقتە سىياسەتتىن سوۋۇش بار، بۇنىڭ سەۋەبى نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈلمىدە، خىتاي خەلقىنىڭ سىياسەتكە ئىشتىراك قىلىش، ھەتتا پىكىر قاتناشتۇرۇش ھەققى يوق، شۇڭا خىتاي خەلقى ئۆزىگە مەنپەت تەگمىگەن بۇ ساھەگە قىزىقمايدۇ.
گاۋ مىڭلياڭ ئىسىملىك بىر پۇقرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلقى ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىلا سىياسەتتىن سوۋۇپ كەتكەن؛ ئۇ يىللاردىكى سەنئەتتىن تارتىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارغىچە ھەممە ساھەدە سىياسىي شۇئارنىڭ يېتەكچى شۇئار بولۇشى بولۇشى، خىتاي خەلقىدە، سىياسىي چاقىرىقلارغا قارىتا تويۇنۇش ھەتتا بىزار بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن،، بۈگۈنكى سوۋۇش ئەنە شۇ تويۇنۇشنىڭ نەتىجىسى.
ھەق-ھوقۇقى بىلەن كارى بولمىغان خەلقنىڭ سىياسەتكە قىزىقىشى بولمايدۇ
ساڭ مىڭسۇ ئىسىملىك بىرىنىڭ قارىشىچە بولسا، خىتاي ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي خەلقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان؛ ئىلگىرىكى يىللاردا، ئىستىقباللىق بولۇش - بولماسلىقنى پەقەت مەنسەپكە ئېرىشىپ-ئېرىشمەسلىكىلا باغلاپ قارايدىغان خىتاي پۇقرالىرى ئەمدىلىكتە، بەختلىك بولۇش يولىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆرگەن ۋە مەنپەئەتلەنگەن. شۇڭا نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىممەت قارىشىدا، پۇل ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە، سىياسەت مۇھىم ئورۇندا ئەمەس.
خىتاي زىيالىيلىرىدىن ليۇ زۇشېڭ، خىتاي خەلقىدىكى سىياسەتتىن سوۋۇشنى يېڭى ھادىسە ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئۇ، بۇ سوۋۇشنى خىتاي مىللىي پىسخىكىسىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ؛ ئۇ بوشۈن تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي خەلقىنى بىر توپ قويغا ئوخشىتىدۇ، باشقۇرۇلۇشقا قولاي دەپ كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي خەلقى تارىختىن بۇيان نامراتلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، شۇڭا ئاچ قالماسلىق، ئۆلۈپ قالماسلىق قايغۇسى بىلەنلا ياشاپ كەلگەن، شۇڭا خىتاي خەلقىدە ھەق-ھوقۇقىنى ئىزدەش ئەنئەنىسى يوق، ھەق-ھوقۇقى بىلەن كارى بولمىغان خەلقنىڭ سىياسەتكە قىزىقىشى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.
خىتاي زىيالىيلىرىدىن سۇن ۋېنگاڭ، مەسىلە مىللىي پىسخىكىدا ئەمەس، خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا، خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدە خاسلىق يوق، ئۇنىڭ دوكلاتىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا زېرىكىشلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خەلقى 17 -قۇرۇلتايغا قىزىقمايۋاتىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار سىياسىي مۇقىملىقنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىدۇ
يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر پەقەت، خىتاينىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سىياسەتتىن سوۋۇش كەيپىياتى ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزىلەر؛ ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ سىياسەتكە بولغان قىزىقىشى قانداق؟
بۇ ھەقتە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سادىق تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ سىياسەتكە قىزىقىشى ھەر ۋاقىت ئۈستۈن. بۇنداق بولۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلاردا كۆچمەنلىك تۇيغۇسى بار، ئۇلار سىياسىي مۇقىملىقنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىدۇ.
سادىق تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ قايسى پارتىيە تەرىپىدىن قانداق باشقۇرۇلۇشى مۇھىم ئەمەس، دۆلەت خىتاي مىللىتىنىڭ قولىدا بولسىلا، سىياسىي داۋالغۇشلار بولمىسىلا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئاھالىسى مەۋجۇت سىياسىي ئاپپاراتقا تايىنىپ تۇرۇپ مەنپەئەتكە ئېرىشىپ ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ كېلىۋاتقان تەرەپ. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 17 - قۇرۇلتاي ۋە ئۇيغۇرلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3)
- غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟
- 17 - قۇرۇلتاينىڭ سىگنالى: خىتاي غەرب يولىدا ماڭمايدۇ
- خۇ جىنتاۋ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتى ھەققىدە
- ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى