مۇتەخەسسىسلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەئەسىگە ئايلانماقتا، دەپ كۆرسەتتى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىقتىسادى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۆمۈريول، تاشيول ۋە نېفىت ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئوخشاش ئاساسى ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى قولايلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
خىتاينىڭ كۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەئەلىرىدە
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر - ئۈرۈمچى تۆمۈر يولىنى 1999 - يىلى تاماملىدى. قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىپ، قىرغىز ۋە ئۆزبېكىستانلار بىلەن قەشقەر - ئوش - تاشكەنت تۆمۈريولىنى ياساش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، رايوندىكى قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلەتكەن. خىتاي - قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى ۋە ئۆزبېكىستاندا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بۇ ھەمكارلىقنىڭ بىر قىسىمى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يىنىڭ يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قىلغان زىيارىتى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە چېتىلغان. قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا ئامېرىكىنى قىرغىزىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان باياناتى خىتايلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بېشكەك ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان.
خىتاي تاشقى سىياسىتى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىماقتىكەن. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى دىپلوماتىيە پائالىيىتىنىڭ ئارقىسىدا نېفىت ئېنېرگىيىسىگە بولغان كۈچلۈك ئىھتىياجى ياتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا يەر شارى بىخەتەرلىك ئانالىز ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گال لۇفت، "خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئامىلى ئېنېرگىيە. خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ يى 2004 - يىلى 3 - ئايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، 'خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،' دەپ تەكىتلىگەن،" دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ سۆزى، خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ توغرا شەرھىلىنىشىكەن. گال لۇفت بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى چاقىرغان خىتاي توغرىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ
خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سىياسى جۇغراپىيە، رايون بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپاس مەنبەئەلىرىنىڭ بىرى كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا. بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستان. ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستان مول تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلەتلەر.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىگە زور مىقداردا مەبلەغ سالدى. جوڭگو نېفىت شىركىتى 1997 - يىلى 4 مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، قازاقىستان نېفىت شىركىتىنىڭ 3 نېفىتلىكىنىڭ 63 ٪ پاي چېكىنى سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. مەزكۇر قۇرۇلۇش بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر پۈتىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىماقتا
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش بىلەن بىرگە رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاجىزلىماقتا.
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ سابىق ياردەمچى دېرىكتورى گوبىل پائۇل يىغىندا، "بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلاۋاتىدۇ. خىتاي بولسا داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بىر كۈچ. ئامېرىكا بۇ ئەھۋالغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك،" دەيدۇ. ئەمما گوبىلنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ھازىرچە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەردە چىقىشالمايدىكەن. گوبىل، رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇشىغا ئىگە دۆلەتلەر، دەپ كۆرسىتىدۇ.
رۇسىيە فېدېراتسىيىسى خام ماتېرىئاللار، نېفىت خىمىيە سانائەت بۇيۇملىرى ۋە كېلەچەكتىكى سۇ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. خىتاي بولسا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتىغا تايىنىدىغان شۇنداقلا تاۋار بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ.
خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رۇسىيە مۇناسۋىتى ئۆتكۈرلىشىدۇ
گوبىلنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى روشەنلىشىدىكەن. گوبىل، خىتاي - رۇسىيە چېگرىسىدىكى رايونلاردا نوپۇس ئامىلىنىڭ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "خىتاي - رۇسىيە چېگرىسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىكى نوپۇس تارىخىتا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئازىيىۋاتىدۇ. چېگرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىكى نۇپۇس كۆپەيمەكتە، بەزى رۇسىيىلىك مىللەتچىلەر بۇ ئەھۋالنى رۇسىيىگە تەھدىت، دەپ قارىماقتا"، دەيدۇ. (ئەركىن)