
ياپونىيە باش ۋەزىرى كويزۇمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆز سەپىرىنى ئالدى بىلەن قازاقىستاندىن باشلىشى ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئېنېرگىيە ۋە جۇغراپىيىۋى-سىياسىي ئىستراتېگىيىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ياپونىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشىش
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان Breffni O'rourke ئىسىملىك ئانالىزچىنىڭ تەھلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيىنىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى تېتسۇ ئىتو ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ياپونىيىنىڭ بۇ رايوننى مۇھىم تەبىئىي بايلىقلار ھەم ئېنېرگىيە مەنبەسى دەپ تونۇغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى، ياپونىيىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشقان بولۇپ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ياپونىيىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ھەم يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. ياپونىيە 80 % نېفىتنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ رايوندىكى ئۇرۇش مۇقىمسىزلىقى ياپونىيىنىڭ نېفىت ئېھتىياجىنى قامداشقا تەھدىد پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن توكيو رەھبەرلىرى مۇمكىن قەدەر يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىنتىلمەكتە. نېفىت زاپىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان قازاقىستان ياپونىيىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، قازاقىستان نېفىتلىرى بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتايغا توشۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ھال ياپونىيىنى تېخىمۇ جەلپ قىلغان ئىدى. قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى شېرىپجان نادىروپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان نېفىت زاپىسى زور مەملىكەت بولۇش بىلەن بۇ بايلىقلارنى سىرتقا سېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى پىلانلىغانلىق ئۈچۈن خىتاي، ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى لىدېر مەملىكەتتۇر.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، قازاقىستاندا بىر قانچە ياپون شىركەتلىرى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا. ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە زور كۆلەمدە ماددىي ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئىككى مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان ئىكەن.
ياپونىيە –ئوتتۇرا ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى
ياپونىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قەدىمىنى تېزلەتكەن ھەمدە 2004-يىلى 8-ئايدا قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا-ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قايتا توكيوغا جەم بولغان ئىدى. ياپونىيە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا چېگرىلارنى ئىدارە قىلىش، مىنا تازىلاش ۋە سودا-ئىقتىساد ھەم باشقا جەھەتلەردىن ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. توكيودىكى يىغىندا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ئالاقىلىرى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇقىم ۋە قەرەللىك ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدىمۇ پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان ئىدى.
ياپونىيىنىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشمۇ؟
يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر جۈملىدىن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى كوزيۇمىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ھەربىي-سىياسىي مەقسەت بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان جاڭ گوچىڭ ئىسىملىك ئانالىزچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، كويزۇمى قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى جايلار بولۇپ، بۇ يىل 25-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن قازاقىستان جۇڭگوغا نېفىت ماڭدۇرۇشقا باشلىدى، يەنە كېلىپ، يېقىندا جۇڭگو بىلەن قازاقىستان " تەڭرى تاغ-1 نومۇر" دېگەن نام ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستان رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى تۈزگەندىن سىرت يەنە يېقىندا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. قىسقىسى ياپونىيىنىڭ نەزىرىدە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ تەبىئىي ھالدا ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ياپونىيە مەزكۇر رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئاۋاز كۈچىگە ئېرىشمەكچى بولدى.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئامېرىكىنىڭ كىرىشى بىلەن بۇ رايوندا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۈچنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى مەزكۇر رايوننىڭ خەلقئارا ھەربىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلەردىكى مۇھىملىقىنى ئاشۇردى. بۇ ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باي يەر ئاستى بايلىقى جۈملىدىن ئېنېرگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئارىلاشماي مۇمكىن ئەمەس.
پروفېسسور شېرىپجان نادىروپنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىمۇ ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ ھەمدە كۆپ قۇتۇپلۇق دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ، ئۇ پەقەت رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەنلا ئەمەس بەلكى باشقا مەملىكەتلەر بىلەنمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كويزۇمى ئۆزبېكىستاندىكى ياپونىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنى يوقلايدۇ
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان، قوقەنت، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدە 900 غا يېقىن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆزبېكىستانغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئەغىر ئەمگەككە سېلىنغاندىن كېيىن ۋاپات بولغان ياپونىيىلىكلەرنىڭ قەبرىستانلىقى بار بولۇپ، ھازىر مەزكۇر ياپون ئەسىرلىرى ئۈچۈن مۇزېيخانا تەسىس قىلىنغان. ياپون ئەسىرلىرى ئۆزبېكىستاندىكى " ناۋايى" تىياتىرخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇلار دەھشەتلىك زۇلۇملارغا ئۇچرىغان ئىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 29-ئاۋغۇست كۈنى كويزۇمى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، مەزكۇر قەبرىگاھلارنىمۇ يوقلايدىكەن ھەم ئىسلام كەرىموپ بىلەن بىر قاتار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى قاتارىدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
كوزيۇمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى رۇسىيىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىگە نىسبەتەن كەلگۈسى تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ياپونىيىنىڭ رۇسىيىدىن زېمىن تەلەپ قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەكىتلىگەن.(ئۈمىدۋار)