
ياپونىيە باش ۋەزىرى جۇنىشىرو كويزۇمى 28-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ياپونىيىدىن شۇنچە يىراقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىگە قاراتقان دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى. ئاستانا ۋە تاشكەنتنىڭ پرېزىدېنت سارايلىرىدا مانا ئەمدى يەنە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ ، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك سەككىز سانائەت دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى كويزۇمىنىڭ قەدىمى قالدى. قىسقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنىڭ يەنە بىر يېڭى سەھىپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا قاراتقان زىيارىتى ھەققىدە غەرب ، رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخخەسىسلىرى تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولدى. بولۇپمۇ، بۇ زىيارەتكە نىسبەتەن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ئانالىزچىلىرى- مەسىلىنى كۆپرەك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن كۆزەتمەكتە
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدىغان شۇنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزچىسى جاڭ گوچىڭ كويزۇمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئېنېرگىيە ۋە يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشىش بىلەن جۇڭگو ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى چەكلەش دەپ ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ئىدى. خىتاي ئانالىزچىسى يېقىندىن بۇيان جۇڭگونىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتى جۈملىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈچىيىشى جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ خىتايغا نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق نېفىت ماڭدۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ " تەڭرى تاغ-1" ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ياپونىيىنى بىئارام قىلىپ، ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز ئاۋاز كۈچىگە ئىگە بولۇشقا ئىنتىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان تۇرۇبا ياسىماقچى
كويزۇمىنىڭ زىيارىتىنى كۆزەتكەن يەنە بىر نەپەر شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى گۇ شۆلياڭ ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاسپىي بويى نېفىتىگە ئالاھىدە قىزىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ تاجىكىستانغا تاش يول ياساشقا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئافغانىستان ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياساپ، ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ياپونىيىگە توشۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەسىلىنى تەھلىل قىلىشى باشقىچە بولۇپ، موسكۋالىق ئانالىزچى ئاندرېي كوسىروپ كويزۇمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا ئاسىياغا ئېلىپ بارىدىغان بۇنىڭدىن كېيىنكى، يېڭىچە سىياسىتى بىلەن باغلايدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى يېڭىدىن تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن قەدەمنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلىدىن ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل رول ئويناشنى قارار قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن ئىران ئارىسىدىمۇ ئىراننىڭ ئازادېگان رايونىدىكى نېفىتلىكنى بىرلىكتە ئېچىش كېلىشىمى بار بولۇپ، ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىكلەر تۈپەيلىدىن بۇ قۇرۇلۇش تېخى باشلانمىغان، تېھران دائىرىلىرى ياپونىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 9-ئايغىچە قۇرۇلۇش باشلىمىسا، بۇ نېفىتلىك قۇرۇلۇشىنى خىتاي بىلەن رۇسىيىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كويزۇمى ئىراندىن باشقا ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ئايرىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى
رۇسىيە ئانالىزچىسى ئالېكساندىر سىدوروپ خىتاي مۇلاھىزىچىلىرى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە " ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى" دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇ كوزيۇمىنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ياپونىيىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۇرانلىرىغا ئەرىشىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور ماقالىسىدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆسۈۋاتقان تەسىرىگە نىسبەتەن ياپونىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا ئورتاقلىق مەۋجۇتلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ياپونىيىنىڭ تەرەققىيات مودېلىغا قىزىدۇ
ئوتتۇرا ئاسىيا تەھلىلچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئىنكاسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تاشكەنتلىك ئانالىزچى مالىك مەنسۇرنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئېلان قىلغان ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، كويزۇمى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبەكىستاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى دېموكراتىك مەملىكەتنىڭ رەھبىرى بولۇپ، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى كويزۇمى بىلەن كەرىموپ ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن.
مالىك مەنسۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىزلەۋاتقان ئۆزبېكىستانلىقلار ياپونىيىنىڭ تەرەققىيات مودېلى ۋە تېخنىكىسىغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسلام كەرىموپنىڭ كويزۇمىنىڭ زىيارىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەب ياپونىيىنىڭ دېموكراتىيە مەسىلىسىدە ئۆزبېكىستاننى ئانچە ئەيىبلەپ كەتمىگەنلىكىدە ئىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقىدە پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياپونىيىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش مەۋجۇت بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا زىيالىيلىرى ئۆز مەملىكەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ تەرەققىيات مودېلىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم كويزۇمىنىڭ رايوندىكى زىيارىتى قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشكەن. (ئۈمىدۋار)