ياپونىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى (1)


2007.11.26

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېقىنقى ئۇچ ھەپتىدىن بۇيان ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، ھەر ساھە ئەربابلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ۋە باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇردى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلىشى ۋە چۈشىنىشى شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نىسبەتەن قىزىقىشىنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنداقتا، ياپونىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىزىقىش ھەم تەتقىقاتلار قانداق مۇساپىلارنى باشتىن كەچۈردى؟

ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ مەيدانغا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى

ھازىر، ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار خېلى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەبنى ئىككى نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن. بىرى ياپونىيىدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەرقشۇناسلىق، خىتايشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ تەركىبىي قىسىمى سۈپىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ، بىر تەتقىقات ئەنئەنىسىگە ئايلىنىشى بولسا، ئىككىنچىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن خەلقئارا مىقياسىدا قوزغىلىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە بولغان قىزىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدەك تەرەققى قىلىشى، ئۇنىڭ ئىلىم-تەتقىقاتى جۈملىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ ئاساس بولغان. شۇنىڭدەك ياپونلاردىكى ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىشىمۇ ياپونىيە ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى ۋە تەتقىق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ باسقۇچلىرى

ياپونىيە دۇنيادا خېلى بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات باشلىغان مەملىكەتتۇر. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى تەخمىنەن 100 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ، دەسلەپتە باشلانغاندا ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتايشۇناسلىق جۈملىدىن خىتاي تارىخى تەتقىقاتى بىلەن باغلىنىشلىق بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىسى ئوتانىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 10- يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىشى ھەمدە بۇ ماتېرىياللار ۋە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ياپونىيە ئىلىم ساھەسىنى جەلىپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قاھار باراتنىڭ قارىشىچە ياپونىيىدىكى تۇنجى، قەدىمكى تۈرك تىل يادىكارلىقىغا ئائىت ماقالە ‏1900-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن.

بىرىنچى باسقۇچ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 1930-يىللارغىچە بولغان باسقۇچ

بۇ باسقۇچتا ئاساسلىق ئۇيغۇر تارىخى خىتايچە مەنبەلەر ئارقىلىق تەتقىق قىلىندى ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارمۇ تەتقىق قىلىنىپ دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. ياپونىيە ئۇيغۇر تەتقىقاتى 1931-يىلى ياپونىيە مانجۇرىيىنى ئىگىلەپ، مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرغان شۇنىڭدەك 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلاپ، 1933-يىلى، 12-نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلىنىش بىلەن پۈتۈن ئۆلكىدە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئەۋجى ئالغان چاغلاردا كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ چاغلاردا ياپونىيە ئىمپېرىيىسى مەخسۇس موڭغۇلىيە، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئەلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار رايونىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. بەزى خىتاي تارىخچىلىرى ئەشۇ ۋاقىتلاردا ياپونىيىنىڭ بۇ جايلاردا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، خىتاينى پارچىلاش ھەم يوقىتىش نىيىتى بولغان دەپ يېزىشىدۇر.

ياپونىيە ئالىمى جۈن سۇگاۋارانىڭ بايان قىلىشىچە، ھەقىقەتەن 1933-1938-يىللىرى ياپونىيىنىڭ ئافغانىستاننىڭ كابۇل، رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك، خىتاينىڭ شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئەھۋالى ھەققىدە ھەر خىل ماتېرىياللىرىنى توپلىغاندىن سىرت يەنە ياپونىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىر قىسىم خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئاخبارات توپلاشقا ئەۋەتكەن.

قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئۇ چاغلاردىكى ماتېرىيال توپلاش پائالىيەتلىرى سىياسىي مەۋقەدىن چىقىش قىلىنغان. بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھازىر تەتقىق قىلىش قىممىتى بار.

ئىككىنچى باسقۇچ، 1940- يىللاردىن -1970‏- يىللارغىچە بولغان مەزگىل.

بۇ چاغدا تەتقىقات دائىرىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى مەدەنىيىتى، تارىخى ھەمدە يېقىنقى ئەسىرلەردىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقا مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ دەۋردە ئالدىنقى دەۋردىكى ئالىملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ بولسا، 1970- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەتقىقاتلار.

دوكتۇر قاھار باراتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دەۋردە يېڭى بىر ئەۋلاد ياپون تەتقىقاتچىلىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى زامان ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ ياش قوشۇن پېشقەدەم ياپون ئالىملىرىنىڭ خىتاي تىلىدىن باشقا يەرلىك مىللەت تىللىرىنى بىلمەسلىك ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ، ئۇلار باشلاپ بەرگەن تەتقىقاتلارنى تولۇقلىدى ۋە ساپاسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينىدى. ياپونلار خىتاي مەنبەلىرىنى بىلىشتە خىتايدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئىدى.

بىر قىسىم ياپون ئالىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەندى

مەلۇمكى، 80-90-يىللاردا بىر قىسىم ياپون ئالىملىرى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، بۇ يەردە بىر قانچە يىل تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگەندى ھەمدە تەتقىقات قىلدى.

ھازىر، 18-19-ۋە 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەم باشقا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتلىرى ياپونىيىدىكى ئەڭ زور كۈچ سەرپ قىلىنىۋاتقان تەتقىقات ساھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.