"كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" خىتايغا نېمە قىلىپ بەرگەن ۋە نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟


2006.12.21

ئامېرىكا خەمىلتون ئۇنىۋېرسىىتېتىدىكى پروفېسسور لى چېڭ ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 1980 ‏- يىللاردا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدىكى 22 نەپەر ئەزانىڭ 21 ى ھازىر ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ئورۇنغا بەلگىلىنىپ، خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرنىڭ 18ى "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" چىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولدى. ھازىر يەنە 1990 ‏- يىللاردىكى "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" چىلارمۇ رەھبەرلىك ئورۇنغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا خىتايدا ھازىر "ياشلار ئىتتىپاقى" دېگەن زادى قانداق تەشكىلات ئىدى؟ ئۇ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىرەر چوڭ ئىشنى ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇتقا چىقىرىپ باقتىمۇ؟ ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ دېگەن سۇئاللار ۋە مۇلاھىزىلەر كېلىپ چىقماقتا.

خۇ جىنتاۋ يۈزلىنىۋاتقان دەۋر ماۋ، دېڭ، جياڭ دەۋرىگە تامامەن ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كونا يولدا

بوشۈن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىتايغا نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟" دېگەن ئوبزوردا ماۋزېدۇڭدىن خۇ جىنتاۋغىچە بولغان 4 دەۋر رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ كادىرلار ئاساسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ماۋزېدۇڭنىڭ كادىرلار ئاساسى جەڭ مەيدانىدىن كەلگەنلەر، گەرچە ئۇلار ئوخشىمىغان تەرەپ ۋە گۇروھلارغا تەۋە بولسىمۇ، بىر-بىرىنى جان تىكىپ يوق قىلىشقا تىرىشسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرى قۇرغان "يېڭى جۇڭگو" دېگەن دۆلەتنى قوغداشتا ۋە "كوممۇنىزم" دېگەن نىشانى جەھەتتە ھەممىسىنىڭ پىكرى بىر ئىدى. دېڭ شاۋپىڭنىڭ كادىرلار ئاساسىمۇ ماۋزېدۇڭغا ئوخشاش، ئەمما ئۇلار "ماۋزېدۇڭنىڭ سىنىپى كۆرەش" سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئاللىقاچان تەييار تۇرغان بولغاچقا، شۇڭلاشقا خىتايدا "ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش"قا ھەممسى بىردەك قوشۇلاتتى. خىتايدا دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەشنى كۆزلىگەن "تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى"دەك ئاممىۋىي ھەرىكەتنى باستۇرۇشتىمۇ، ئۇلار تەرەپ سۈرۈشتۈرمەي ھەممىسى بىرلەشتى. لېكىن دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە ئىسلاھاتتىن مەنپەتدار بولۇش جەھەتتە كادىرلار قوشۇنى پارچىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. دېڭ شاۋپىڭ بۇ دەۋردە ھاكىمىيەت بېشىدىن چېكىنىپ، جاڭ زېمىننى 3 ‏- ئەۋلات يادرو، خۇ جىنتاۋنى 4 ‏- ئەۋلات يادرو دەپ ئالدىن بەلگىلەشكىمۇ ئۈلگۈردى. بۇ دەۋردە چىرىكلىشىش ئەۋج ئېلىپ، كادىرلار ئىككى قۇتۇپقا بۆلۆنگەندە جياڭ زېمىن ھوقۇق تۇتتى. ئەمما بۇ دەۋردە نوپۇزلۇق دېڭ شاۋپىڭ تېخىچە ھايات تۇرغاچقا، ئۇ جياڭ زىمىننىڭ ئورنى مۇقىم تۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشتى. خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، يۈزلىنىۋاتقان دەۋر ماۋ، دېڭ، جياڭ دەۋرىگە تامامەن ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كونا يولدا كېتىۋاتىدۇ.

خۇ جىنتاۋ نىڭ كادىرلار ئاساسى "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلار

مەكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 4 ‏- ئەۋلات يادرو سۈپىتىدە ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ كادىرلار ئاساسى، خۇددى خەمىلتون ئۇنىۋېرىسىتېتىدىكى پروفېسسور لى چېڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئائىلىدىن مەكتەپكە، مەكتەپتىن ئىدارىغا ، ئىدارىدىن چوڭ ئەمەلدارلىققا بەلگىلەنگەن "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلاردىنلا ئىبارەت بولدى. ئەمما بۇ دەۋردە خىتايدا ۋەزىيەت ئاللىقاچان ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىنى قوغداپ بېرىدىغان دېڭ شاۋپىڭ يوق، جياڭ زېمنىنىڭ ياردەم بېرەلىشىمۇ ئاللقاچان چەكلىك، خۇ جىنتاۋنىڭ خىتايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسگە بولغان "يادرو"لىقىغا قارىتا ھەرخىل نامەلۇم رىقابەت مەۋجۇت ئىدى. بەلكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىمتىيازى ئاللىقاچان چوڭىيىپ كەتكەن.

"كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"نىڭ مۇستەقىل نەزىرىيىسى يوق

مەزكۇر ماقالىدە "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلار ھەققىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، بىرىنچىدىن، خىتايدا "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلارنىڭ مۇستەقىل نەزىرىيىسى يوق، ئۇ پەقەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردەمچىسى. ئۇنىڭ بۇرچى مەيلى خاتا بولسۇن، ياكى توغرا بولسۇن، كوممۇنىستىك پارتىيە بۇيرۇغاننىلا قىلىش، مەسىلەن، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە ماۋ زېدۇڭ كىمگە ئەگەش دېسە شۇنىڭغا ئەگەشكەن، كىمنى تۇت دېسە، شۇنى سەۋەبسىز تۇتۇپ، ئۇرۇپ، بۇلاپ، تالاپ، ھەتتا ئۆلتۈرگەنلەرمۇ شۇلارغۇ. خۇ جىنتاۋنىڭ ھازىرقى كادىرلار ئاساسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزىگە ئوخشايدىغان مۇشۇنداق "ياشلار ". "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلارنىڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىرتەرەپ قىلىش قابىلىيىتى يوق

ئىككىنچىدىن، "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلارنىڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىرتەرەپ قىلىش قابىلىيىتى يوق. بىر باشلىق كېلىدۇ، ئۇنى قارشى ئېلىڭلار دېسە، ئۇلار ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ كوچىلارغا چوڭ لوزۇنكا كۆتۈرۈپ چىقىش، چاۋاك چېلىشنىلا بىلىدۇ. 1989 ‏- يىلىدىكى 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" پالەج بولۇپ قالمىغانمىدى؟ جاڭ زېمىن دەۋرىدە "ياشلار"نىڭ توساتتىن كوچىلارغا چىقىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كېسەك ئاتقانلىقى، كېيىن يەنە توساتتىن ياپونىيىگە قارشى نامايىش قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەردىن ھەتتا "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"نىڭ پەقەت خەۋىرى بولمىغان ئىدىغۇ.

"كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" ئورگان گېزىتىنى باشقا تەرەپلەر توختىتىۋەتسە نېمە قىلالىدى؟

ئۈچىنچىدىن، خىتايدا "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"نىڭ ئورگان گېزىتى بولغان "جۇڭگو ياشلىرى"نىڭ شۆبىسى "مۇز نوقتىسى" دېگەن گېزىتنى باشقا تەرەپلەر بۇيرۇق چىقىرىپ توختىتىۋەتكەندە، "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى" ئۆزى ھېچنېمە قىلالماي قاراپ تۇرمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق تەشكىلات بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟

نۇر بەكرىمۇ "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىچىلار"نىڭ بىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، گەرچە خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغىمۇ "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى"چىلارنى بەلگىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ لېچۇەندەك ئەمەلدارلار يەنىلا 3 ‏- قېتىم داۋاملىق ھوقۇق تۇتىدىغان قانۇنسىزلىقنى ئۆزگەرتەلىگىنى يوق. خۇددى نۇر بەكرىدەك "تونگانلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى يوق، ئۇلارمۇ بىر مىللەت، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى بولمىسا نېمە بولىدىكەن؟" دېگەندەك مەنتىقىسى بۇزۇلغان، قانۇنسىز گەپ قىلىدىغان مۇئاۋىن شۇجىمۇ "كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىچىلار"نىڭ بىرىغۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.