ۋېن جياباۋ يېڭى يېزا نى نەدە قۇرىدۇ؟


2006.03.21

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەرق گېزىتى'، 'مىڭپاۋ گېزىتى' قاتارلىق بىر نەچچە گېزىتنىڭ ستون يازغۇچىسى تاۋجې ئەپەندىنىڭ "ۋېن جياباۋ 'يېڭى يېزا'نى نەدە قۇرىدۇ؟" سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزىسى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى.

تاۋ جې ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1949 ‏- يىلىدىلا 'يېڭى جۇڭگو' قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن 50 نەچچە يىل ئۆتكەندە ئەمدى تېخى 'يېڭى يېزا' قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن قارىغاندا، 'يېڭى جۇڭگو'دا كونا يېزا مەۋجۇت، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان يېزىلار تېخىچە يېڭىلانمىغان. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نېمىسى يېڭى بولىدۇ؟ ئۇ نەدە قۇرۇلىدۇ؟ بۇ يەنىلا پۈتۈن دۇنيا كۆرىۋاتقان 'يېڭى جۇڭگو' دېگەندەك 'يېڭى يېزا'مۇ؟ بۇنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك.

'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەننىڭ تەبىرى

تاۋ جې ئەپەندى ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن ۋېن جياۋباۋ ئوتتۇرىغا قويغان 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەن سىياسەتنىڭ تەبىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەننىڭ تەبىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا "ئىشلەپچىقىرىش تەرەققى قىلغان، تۇرمۇش باياشات، يېزىلار مەدەنىيەتلىك ۋە پاكىزە، باشقۇرۇش دېموكراتىك بولۇش" دېگەندىن ئىبارەت. بۇ گەپلەر مەركەزنىڭ ھۆججىتىدە ناھايىتى ئاسان ۋە راۋان ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما گەپنى قىلىپ قويسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى يېزىلاردا ئەمەلىي ئىجرا قىلسا ھېساب. تاۋ جې ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەننىڭ تەبىرى بىلەن يېزىلاردا ئەمەلىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تەپسىلىي سېلىشتۇرغان.

تاۋ جې ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەتتە يېزا ئەمەلدارلىرى 'ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققى قىلدۇرۇش' دېگەننى باھانە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر -زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ، دېھقانلارنى ئۆزى تۇرغان يەر-زېمنىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ ئۆزىنى بېيىتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇلار ھە دېسىلا دېھقانلارنى 'دېڭ شاۋپىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم' دېگەن، 'بىر قىسىم ئادەملەر ئالدى بىلەن باي بولسۇن' دېگەن دەپ قورقۇتۇپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى بېيىتماقتا. مەركەز "تۇرمۇش باياشات، يېزىلار مەدەنىيەتلىك بولۇش'دېگەننى ئىجرا قىلىشنىڭمۇ ھېچقانداق ئىلمىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. يېزا ئەمەلدارلىرى دېھقانلارغا 'ھازىر تۇرمۇش ياخشى، ياپۇن ئىشغالىيىتىدىكى دەۋردىكىدىن ياخشى، مانجۇ سۇلالىسىنىڭ جاچىڭ يىلىرىدىكىدىن ياخشى، ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى خەلق كوممۇنىسى دەۋرىدىكىدىن ياخشى' دەپ ھۆكىرەيدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۆلچەم ئوتتۇرىغا قويمىغان. مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان 'يېزىلار پاكىزە بولۇش' دېگەن گەپ تېخىمۇ چوڭ پەن -تېخنىكىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش. يەرلەرنى مەجبۇرىي سېتىۋېلىپ، ئىسپانىيىچە بىنا سالسىلا 'يېڭى يېزا' قۇرغانلىق بولمايدۇ. ئەگەر بۇ جەھەتتە ئۆلچەم ۋە تەدبىر بولمىسا، خۇددى گۇاڭدۇڭنىڭ سەنتۇ شەھىرىدىكىدەك مەجبۇرىي يەر ئىگىلەپ، بىنا سېلىپ شەھەر قۇرۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلارنى ئازادلىق ئارمىيە مىلتىق بىلەن ئاتىدىغان مۇستەملىكىچىلىك شەكلى بىلەن 'يڭى يېزا قۇرۇش' يۈز بىرىدۇ. مەركەزنىڭ 'يېڭى يېزا'قۇرۇش' دېگىنى ‏‏- مەركەز 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەن بىر روھنى بىرىپ قويۇپ، ئۇنى جايلاردىكى زومىگەر، تەپرىقىچىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالىغانچە ئىجرا قىلىشىغا تاشلاپ بىرىدىغان شۇنداق يېڭى يېزا قۇرۇشمۇ؟ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش مۇھىتنى قوغداش پىلانى دائىرىسىدە بولمىغان بۇنداق 'يېڭى يېزا قۇرۇش' ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىت بۇلغانسا، يەر -زېمىن سودىسى ئىقتىسادىي مازغاپقا ئايلانسا، يېزىلاردا مەدەنىيەتلىك تىياتىرخانىلار بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار. بۇنداق 'يېڭى'لىقتىن پەقەت تراگېدىيە چىقىدۇ، خالاس.

ۋېن جياباۋ 'يېڭى يېزا'نى نەدە قۇرىدۇ؟

تاۋ جې ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 80 يىلدىن بۇيانقى 'كوممۇنىزم قۇرۇش' غايىسى، ئەمەلىيەتتە ۋېن جياباۋ ھازىر دەۋاتقان 'يېڭى يېزا قۇرۇش' دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ غايىدە 'ھەممە ئادەم تەڭ - باراۋەر' ، "ھەممە ئادەمنىڭ قوسىقى توق" دېگەن ئوتوپىيە تەرغىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ غايىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا خەلق كۆپ ئازاپ-ئوقۇبەت چەكتى، خەلقنىڭ قېنى ئاقتى. ئەمما "ئۇلۇق داھى" دېگەن كىشى سادىر قىلغان بۇ جىنايەتتىن ھېساب ئېلىنمىدى، ھازىرقى رەھبەرلەر بەلكى شۇ جىنايەتلەرنى يېپىپ، پەدەزلەۋاتىدۇ. قېنى ئېيتىپ باقسۇنچۇ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماركىسزم نەزىرىيىسى بىلەن قۇرغان 'يېڭى جۇڭگو' دېگەننىڭ نېمىسى 'يېڭى' بولۇپ چىقتى؟ ماۋزېدوڭنىڭ 'ئۈچ قىزىل بايرىقى' ئاستىدىكى 'يېڭى يېزا' قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان مەغلۇپ بولمىدىمۇ؟ يېزىلاردىن ئىبارەت شۇ خارابىلىقتا ھازىر كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ جايلاردىكى تەپرىقىچىلىرى يولغا قويۇۋاتقان يەر ئىگىلەش ھەرىكىتى ناھايىتى تىز ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھوقۇقسىز پادىشالىققا ئوخشاپ قالدى. ۋېن جياباۋ دەۋاتقان 'يېڭى يېزا'نى قۇرىدىغان جايلار ئاللىقاچان تالان -تاراج قىلىنىشقا ئۇچراپ بولدى. بۇنى ھۆكۈمەت توسىمىدى، گەرچە ھۆكۈمەت توسىغان تەقدىردىمۇ، بۇيرۇقنى يەرلىك تەپرىقىچىلەر ئاڭلىمايدۇ. ئەمدى ۋېن جياباۋ 'يېڭى يېزا'نى نەدە قۇرىدۇ؟ (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.